和静县人民检察院
起 诉 书
和静县检一部刑诉〔2021〕56号
خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپنامىسى
خېجىڭ تەپتىش بىرىنچى بۆلىمى جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش (2021) -نومۇرلۇق
جاۋابكار ت**،ئەر،ئۇيغۇر،1975-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: ********6528271975،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،كەسپى:شوپۇر،بۇرۇن جازالانمىغان، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: شىنجاڭ **ناھىيە ** بازىرى ** كەنىت **-گۇرۇپ، 2020-يىلى 01-ئاينىڭ 28-كۈنى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلنغۇچە كېپىللگە بىرىلگەن،2021-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بېرىلگەن،ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ **ناھىيە ** بازىرى ** ئولتۇراق رايونى **-بىنا **-كورپۇس **-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق،ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە.
جاۋابكار ت**نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش دىلوسىنى خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2021-يىلى 01-ئاينىڭ 28-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن،جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى،جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاندى،دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى.دىجورنى ئاۋۇدۇكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا جاۋابكار بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى ئىمزالاندى،جاۋابكار ت** مەزكۇر دىلودا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:
2019-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە،جاۋابكار ت** دوستلىرى ھې**،ق**،ئە**،ي**،م**قاتارلىقلار بىلەن ** ناھىيە ** بازىرى **كوچىسىدىكى ت**نىڭ كاۋاپخانىسىدا ئولتۇرۇپ تاماق يىگەچ ھاراق ئىچكەن،2019-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 04 دىن 38 مىنۇت ئۆتكەندە سورۇندىن تارقاپ چىقىپ،ئۆزىنىڭ *****新M نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتۇموبىلىنى ھەيدەپ،** ناھىيە ** ئولتۇراق رايونى دەرۋازا ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە،شۇ جايدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى ساقچىللىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان.
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019)زەھەرباھالاش ****-نومۇرلۇق باھالاشنامىسىدە جاۋابكار ت**نىڭ ھەر يۈز مىللىتىر قان تەركىبىدە **مىللىگىرام ئىسپىرت مىقدارى بار دەپ بىكىتكەن.
شىنجاڭ خۇاتوڭ ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2020)زەھەرباھالاش ****-نومۇرلۇق باھالاشنامىسىدە،جاۋابكار ت**نىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان تەركىبىدە *** مىللىگىرام ئىسپىرت مىقتارى بار دەپ بىكىتكەن.جاۋابكار ت** دىلو سادىر قىلغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان.
يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرسى،نەق مەيدان رەسىمى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى،گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى،دىلوغا مۇناسىۋەتلىك ئەدىلىيەلىك تەكشۈرۈپ باھالاش پىكىرنامىسى،يازما ئىسپات قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ،جاۋابكار ت** قاتناش بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش قانۇن نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ،ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى يولدا مەست ھالەتتە ھەيدىگەن، قىلمىشى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇننىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ،جىنايى پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپات تولۇق.جاۋابكار ت**نىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.جاۋابكار ت**جىنايىتى تۇنۇپ،جىنايى جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ15-ماددسىىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدۇ،شۇڭا ت**غا ئىككى ئاي ئون كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى،قۇشۇمچە 4000 يۈەن جەرىمانە قۇيۇش جازاسى بىرىشىڭلارغا تەكلىپ بىرىمىز.جاۋابكار ت**نى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
ھۆرمەت بىلەن:
خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : ئەخمەتجان روزى
2021-يىلى 02-ئاينىڭ 07-كۈنى
قوشۇمچە :
1)جاۋابكار ت** ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بېرىلگەن،ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ **ناھىيە **بازىرى ** ئولتۇراق رايونى **-بىنا **-كورپۇس **-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. ئالاقىلشش نۇمۇرى : ********191
2) دىلو ئارخىۋى بىر توپلام.
3)ئەيىپنامە سەككىز نۇسخا .
4)جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى بىر پارچە .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论