欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(吐某某危险驾驶案)

2021-09-19 独角龙 评论0

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                        ئا ش ت ئەيىبلەش ( 2019 ) 32-نۇمۇرلۇق

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

   جاۋاپكار ئىسىم فامىلەم تXX، ئەر، ئۇيغۇر، 28ياش، كىملىك نومۇرى: 6529011990XXXXXXXX، كەسپى ئاشپەز، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئاقسۇ شەھىرى XX يېزا XX-كەنىت XX-گۇرۇپ XX-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.

    ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋاپكارغا ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى ئۇقتۇرۇپ قانۇن بۇيىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھۇقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇختۇرۇپ قويۇلدى.

  قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

      2019-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 22:00 لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار تXX ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئاقسۇ شەھەر XX يېزا XX رېستۇراننىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان نۇمۇر تاختىسى يوق موتسىكىلىتنى پىراۋىسىز ھەيدەپ 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 00دىن 09لەر ئەتراپىدا ئاقسۇ شەھەر XX يېزىلىق شىپاخانا ئالدىغا كەلگەندە ساقچىلار تەرىپىدىن بايقالغان . 

     تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكار تXXنىڭ 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارى 127.41 مىللىگىرام (127.41mg/100ml) بۇلۇپ، مەسىت ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدىگەن

   يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى،  ئېنىقلاش -تەكشۈرۈش خاتىرىسى ، باھالاش پىكرى قاتارلىق دەلىل - ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋابكار تXXنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ -133ماددا بىرىنچىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگەخىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تۇلۇق، خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، شۇڭاجاۋابكار تXXنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 172-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، جاۋابكار تXXنىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايتىگە 2 ئاي 15 كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىش قۇشۇمچە 5مىڭ يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بېرىش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ -176ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق، جاۋابكار تXXنى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ  15-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللۇنۇپ ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن تەكلىپ بېرىمىز. 

تەپتىش: پەرھار چۇۋار

مۇۋاققەت تەپتىش:  ئابدۇسالام تۇرسۇن 

2019-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى

ئىزاھات:

 1. جاۋابكار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.

 2 . 8 نۇسخا ئەيىبنامە، ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى،جازاغا قايىل بولۇش تىل خېتى، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top