شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش ( 2019 )XX-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار ت XX، ئەر، ئۇيغۇر، XXياش، كىملىك نومۇرى::XXXX08XX6529 كەسپى دېھقان، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، XXشەھىرى XX بازار XX-كەنىت -XXگۇرۇپ -XXنۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى XX شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.
XX شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋاپكارغا ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى ئۇقتۇرۇپ قانۇن بۇيىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھۇقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇختۇرۇپ قويۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
-XXيىلى-XX ئاينىڭ -XXكۈنى سائەت 23:00 لەر ئەتراپىدا، جاۋابكارتۇXX ،XX شەھەر XX بازار XX-كەنىت كومىتىتى ئالدىدىكى بىر دۇكاندا ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى 00:10لار ئەتراپىدا ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن شۇ دۇكاننىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتنى پىراۋاسىز ھەيدەپ 300مىتىر ماڭغاندىن كېيىن ساقچىلار تەرىپىدىن بايقالغان .
تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكار تۇXXنىڭ 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارى 245.86 مىللىگىرام (245.86mg/100ml) بۇلۇپ، مەسىت ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدىگەن
يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، ئېنىقلاش -تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل - ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار تXXىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىرىنچىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگەخىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تۇلۇق، خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، شۇڭاجاۋابكار تۇXXنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، جاۋابكار تXXنىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايتىگە 5ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككەس سېلىش جازاسى بېرىپ قۇشۇمچە 10مىڭ يۈەن شىتىراف قۇيۇش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق، جاۋابكار تۇXXنى«جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 172-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللۇنۇپ ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن تەكلىپ بېرىمىز.
تەپتىش: پXX
مۇۋاققەت تەپتىش: ئاXX
2019-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى
ئىزاھات:
1. جاۋابكار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.
2 . 8 نۇسخا ئەيىبنامە، ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论