شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 692-نومۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار تۇXX، ئەر، ئۇيغۇر، 58 ياش، 1961-يىلى 11-ئاينىڭ1-كۇنى تۇغۇلغان، سالاھىيەت گۇۋاھنامە نومۇرى: 6529011961XXXXXXXX، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، ئاقسۇ شەھەرXXبازار XX-كەنىتXX- گۇرۇپ XX-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، كەسپى دىھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بىرىلگەن. ھازىر ئائىلىسىدە.
ئـاقسـۇ شـەھـەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكـۇر دېلـونى تەھـقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، (2020) 1221- نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دېلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقى بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2020 -يىلى 07-ئاينىڭ 23-كۇنى سائەت 01:35لەر ئەتراپىدا جاۋابكار تۇرXX ئاقسۇ شەھەرXX بازار XX-دادۇي ئالدىدىكى دۇكاندا ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، ئۇيىگە قايتىش ئۇچۇن شۇ دۇكاننىڭ ئالدىغا تۇختۇتۇپ قۇيغان نۇمۇر تاختىسى يۇق ئىككى چاقلىق مۇتۇسكىلىتنى مەست ھالەتتە(پىراۋسىز)ھەيدەپ، ئاقسۇ شەھەر XX بازار XX-كەنىت يۇل ئىغىزىغا كەلگەندە، يىقىلىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن شۇ ئەتراپتا چارلاش ۋەزىپىسى ئېلىپ بىېىرۋاتقان ساقچىلار تەكشۇرۇش ئارقىلق جاۋابكار تۇرXXنى ھاراق ئىچىپ مۇتۇسكىلىت ھەيدىگەنلىكىنى بايقاپ، ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، تېخنىكىلىق باھالاش ئارقىلىق جاۋابكار تۇXXىڭ 100مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتىدارى 114.70مىللىگىرام بۇلۇپ( mg/100ml 114.70) مەس ھالەتتە مۇتۇسكىلىت ھەيدىگەنلىكى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتىنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش–تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار تۇXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تۇلۇق ، جاۋابكار تۇXXقىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، بىكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتراپ قىلدى ھەم جازاغا قايىل بولدى، بۇ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن. جاۋابكارغا خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا بىرىنچى مەزمۇن ، 67-ماددا 3-تارماق، 72-ماددا بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا، 214-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىپلىدۇق.
تەپتىش : نۇسرەت ئابلىز
مۇۋەققەت تەپتىش : دىلمۇرات ئەمەر
2020-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى
ئىزاھات :
1. جاۋابكار ئائىلىسىدە كىپىللىكتە، تىلفۇن نۇمۇرى: 1377940XXXX
2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى، جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى ۋە بىر توپلام ج خ دېلو ماتىرىيالى بىرگە ئەۋەتىلدى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论