欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(吐某某危险驾驶案)(公开版)_温宿县人民检察院

2021-09-21 独角龙 评论0

温宿县人民检察院 

起 诉 书

温宿县检一部刑诉〔2020〕639号 

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى 

ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

  

                                   ئو ت ئەيىبلەش (2020)    -نومۇرلۇق

   جاۋابكار تxxxx ، ئەر،ئۇيغۇر،xxxx-يىلى x-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى:xxxxxxxxx652922، تولۇقسز ئوتتۇا مەكتەپ مەدەنيەت سەۋىيىسگە ئىگە،دىھقان، ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: ئۇنسۇ ناھىيە xxxx بازىرى xxxxكەنتx-مەھەللەxx-نومۇر ، ئىلگىرى جازالانمىغان، ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن.

  ئونسۇ ناھىيىلىك جامائامەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،جاۋابكار تxxxx چېتىشلىق خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە گۇناھىنى تونۇپ، قىلمىشىنى ئىقرار قىلسا كىلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋوكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دېلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، جاۋابكار دېلونى تېزسوتلاش تەرتىۋىدە  قاراپ چىقىشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار تxx 2020-يىلى9-ئاينىڭ12-كۈنى سائەت16دىن 29مىنۇت ئەتراپىدا،ھاراق ئىچكەندىن كىيىن新N xxنومۇرلۇق  ئىككى چاقلىق موتوسىكلىتنى پىراۋىسىز ھەيدەپ،ئونسۇ ناھىيە xx بازىرى xxكەنت x-مەھەللە يول بۆلىگىگە كەلگەندە شۇ يول بۆلكىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان ئۇنسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارسى xx بازارلىق ساقچىخانا xx كەنت ساقچى ئىشخانىسى  ساقچىلرى تەرىپىدىن بايقىلپ تۇتۇلغان

جاۋاپكار تxxنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى ئەدلىيىلىك باھالاش يەكۈنىدە  قان تەركىۋىدىكى ئىسپىرىت  مىقدارىmg/100ml307.80ئىكەنلىگى بىكىتىلگەن .

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى،ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى، باھالاش خۇلاسىسى،ئۈن-سىن ماتېرىيالى قاتارلىقلار بار. 

  يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋابكارلارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن گۇناھىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ. 

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكارتxxنىڭ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتەموتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا  بەلگۈلىمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى شەكىلىنىدۇ.

دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق ،دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست،جاۋابكارنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىغىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر.جاۋابكار گۇناھىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋاقانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگۈلىمىسى،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسى  بويىچە يىنىكلىتىپ جازابېرىشكە بولىدۇ.

قاتناش بىخەتەرلىگى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىگىنىڭ دەخلى تەرۈزگە ئۇچۇرماسلىغىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جاۋابكار تxxقا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددابىرمەزمۇنى بەلگۈلىمىسىنىڭ 1-تارمىغى بويىچە جىنايى جازا بېرىش زۆرۈر.شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

                            ئونسۇ ناھىىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

                                          تەپتىش:  پاتىگۈل ياسىن

                                         پۈتۈكچى:  تاھىر تۇنىياز

                                     2020-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى

[قۇشۇمچە]: (1) جاۋابكار ت xx ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە (2) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، 1 توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى، 3 نۇسقاجازا ئۆلچەش تەكلىبى، 1نۇسقىدىن«جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى» ۋە ھوقوق-مەجبۇريەت ئۇقتۇرۇشنامىسى ،1نۇسقا تېزسوتلاش تەرتىپنى قوللۇنۇش تەكلىبى قاتارلىقلار بىرگە يەتكۈزۈلدى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top