شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش [2020] 391-نومۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار تو xx،ئەر، ئۇيغۇر، كىملىك نومۇرى xxxxxxxx6529011973، يۇرتىئXX، xx شەھەر xx بازىرى xx-كەنت xx-گۇرۇپ xx-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق،xx ئوتتورا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. xx شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن xx xxجىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،جاۋاپكار تو xxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دىلوسىنى، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ13-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.مەھكىمىمىزجاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغاندا كېلىپ چىقىش ئېھتىمالىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋابكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دىلو ماتىريالىنى تەكشۈرۇپ كۆردۇق، جاۋابكار دىلونى تېز تەرتىپتە سوتلاشقا قوشۇلدى .
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار توxx 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 13:40 لەردە ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، xx شەھەر xx بازارى تxxنىڭ دۇكىننىڭ يېنىغا توختىتىپ قويغان،نومۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتوسىكلىتنى پىراۋىسىز ھەيدەپ،ئاقسۇ شەھىرى قارتال بازىرى مىڭدا تاللا بازىرىغا ئالدىغا كەلگەندە، شۇ ئەتراپتا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرلۈپ تو xxنى ھاراق ئىچىپ موتسىكىلىت ھەيدىگەن دەپ گۇمانلىنىپ،قېنىنى ئېلىپ تېخنىكىلىق باھالاشقا يوللىغان، باھالاش ئارقىلىق تو xx 100مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتىدارى305.34مىللىگىرام بۇلۇپ چىققان، مەس ھالەتتە موتۇسىكلىت ھەيدىگەن.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى ۋە ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلنىشى تەرتىپى قانۇنلۇق ،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست،شىكايەت قىلغان پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ،جاۋاپكار تو xxنىڭ يۇقارقى قىلمىشنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلاغا قارىتا باشقىچە پىكرى يوقلىقىنى ئوتتوغا قويدى ھەم ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى،
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار توxx ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسنى ھەيدىگەن قىلمىشدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، بۇ ھەقتە دىلونىڭ پاكىتى ئوچۇق،دەلىل-ئىسپاتى راست ھەم تولۇق،خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.جاۋابكار تو xx جىنايىتىنى تونۇپ قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بار. شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاپ 5 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىش،قوشۇمچە 10000 يۈەن ئىشتىراپ قويۇش تەكلىبى بېرىمىز. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسدىكى بەلگۈلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش : نۇxx
تەپتىش : پاxx
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
ئىزاھات :
1.جاۋابكار تو xx كېپىلدە. ئالاقىلىشىش نۇمۇرى: XXXX1500300
2. 8نۇسخا ئەيىبنامە، جىنايىتىنى تۇتۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تېل خېتى، جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى ۋە بىر توپلام ج خ دېلو ماتىرىيالى بىرگە ئەۋەتىلدى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论