和静县人民检察院
起 诉 书
和静县检一部刑诉〔2020〕**号
خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپنامىسى
خېجىڭ تەپتىش بىرىنچى بۆلىمى جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش (2020) -نومۇرلۇق
جاۋابكار ت**، ئەر، ئۇيغۇر، 1966-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نومۇرى: ******** 6528271966، مەدىنيەت سەۋىيەسى: تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، كەسپى: ئىشىچى،سىياسى قىياپتى:پارتىيە ئەزاسى، بۇندىن بۇرۇن جازالانمىغان. نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: شىنجاڭ ** ناھىيىسى ** بازىرى **-تۇەن** يولى **-كورپۇس **-نۇمۇر،2019-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى بىلەن بىر تەرەپ قىلغنچە كېپىللگە بىرىلگەن، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: ** ناھىيىسى ** بازىرى **-تۇەن ** يولى **-كورپۇس **-نۇمۇر، ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە.
جاۋابكار ت**نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش دىلوسىنى خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاندى، دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى . دىجورنى ئاۋۇدۇكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا جاۋابكار بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى ئىمزالاندى،جاۋابكار ت** مەزكۇر دىلودا ئاددىي تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى .
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:
جاۋابكار ت** 2019-يىلى 07- ئاينىڭ 13- كۈنى كەچتە دوستلىرى ئا**، ت**، ھ**، ئا**، ق**، ئا**، س** قاتارلىقلار بىلەن بىللە ** ناھىيسى **رېستۇرانىدا ئولتۇرۇپ تاماق يىگەچ ھاراق ئىچكەن. سورۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ت** مەست ھالەتتە***** 新M نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتۇموبىلنى غەرىپ-شەرىق يۆنىلىشتە ھەيدەپ، خېجىڭ ناھىيسى كېزە شەرقى يولى 4-تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ كۆۋرۈك بېشى يول بۆلكىگە كەلگەندە، سائەت 23:45 مىنۇتلار ئۆتكەن ئەتراپتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان چارلاش ساقچىللىرى تەرپىدىن بايقىلىپ قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىگە تاپشۇرۇپ بىرىلگەن .
شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019) ****-نۇمۇرلۇق تەكشۈرۈپ باھالاشنامىسىدە ت**نىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قېنىنىڭ تەركىۋىدە 330 مىللىگىرام ئىسپىرىت مىقتدارى بارلىقىنى بېكتىكەن.
يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ،باھالاشنامە، نەق-مەيدان ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش ماتىرىيالى،نەق مەيدان سىن كۈرنىشى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكارت** قاتناش بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش قانۇن نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ،ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى يولدامەست ھالەتتە ھەيدىگەن قىلمىشى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 133-ماددا 1-تارمقنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ،جىنايى پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپات تولۇق.جاۋابكار ت**نى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.شۇڭا جاۋابكار ت**نى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
ھۆرمەت بىلەن:
خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : ئەخمەتجان رۇزى
2020-يىلى 7-ئاينىڭ22-كۈنى
قوشۇمچە :
1.)جاۋابكار ت** ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بېرىلگەن،ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى:شىنجاڭ ** ناھىيىسى ** بازىرى **-تۇەن ** يولى **-كورپۇس **-نۇمۇر :
2) دىلو ئارخىۋى بىر توپلام.
3)ئەيىپنامە 8نۇسخا .
4)جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى 1 پارچە .
5) جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论