شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020)42-نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكا ت**، ئەر، ئويغۇر، **ياش، **-يىلى **- ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 2516 **652925 ، تۇلۇقسىز ئوتتورا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگەئىگە، دىھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. توقسۇ ناھىيىسىدىن، ** ناھىيە **بازار ** كەنىت **-گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى توقسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن بىرتەرەپ قلىنغىچە كاپالەتچگە بېرىلگەن.
بۇ دېلونى تۇقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكار ت**نى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ (2020) 080-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:
جاۋابكار ت** 2020- يىلى 01- ئاينىڭ 21- كۈنى سائەت 18 دىن 45 مىنۇت ئەتراپىدا، توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازار مەنزىرە كۆل ئولتۇراق رايۇنىنىڭ يېنىدىكى سوغۇق ئىچىملىك دۇكىنىدا دابىت ھامۇت بىلەن ئولتۇرۇپ ئىككى بوتۇلكا ئاق ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، 01-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 03 دە توقسۇ بازار مەرھابا يولىدىكى ئامانلىق قاتناش ۋاسىتىللىرىنى يىللىق تەكشۈرتۈش ئورنىنىڭ يېنىغا توختۇتۇپ قويغان 新NK3930نومۇرلۇق ماشىنىنى پىراۋىلىق ھەيدەپ، ماشىنىغا دابىت ھامۇتنى چىقىرىپ شەرقتىن غەرپكە يۆلىنىش بويىچە يول يۈرۈپ، توقسۇ ناھىيە تاشېرىق يېزا ئاتبېشىدۆڭ كەنت 3-گوروپ تەۋەسىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە شۇ ئەتراپتا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرلۈپ، جاۋابكار ت**نى توقسۇ ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشىكىسىنى ئالغان.
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2020) 519- نومۇرلۇق باھالاش دوكلاتنامىسىدە« ت**نىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقى تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 234 مىللىگىرام» دىيىلگەن.
يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاشنامە، ئۈن-سىن ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ. جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.
مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار ت**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ. جاۋاپكار ت**غا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر، جاۋاپكارغا4 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە 8 مىڭ يۈەن شىتراف قۇيۇش تەكلىۋىنى بىرىمىز . شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
مۇئاۋىن باش تەپتىش : ئۆمەر ئەمەت
تەپتىش: گۈلەم تاش
2020-يىلى 3-ئاينىڭ19 -كۈنى
قۇشۇمچە :
1› جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 2› دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل ئىسپاتلار 2 تۇپلام. 3› 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى، بىر دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论