شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
كۇچا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ك ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش 〔2020〕967 - نومۇرلۇق
كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋاپكار ت**، ئەر، ئۇيغۇر، **19- يىلى**- ئاينىڭ**- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى : **********65292319، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، كۇچا ناھىيسىدىن، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورۇن: كۇچا ناھىيە ** بازىرى ** كەنت 1- گوروپپا **- نۇمۇرلۇق قورو، ئىلگىرى جازالانمىغان .
باشقىلارنىڭ زەھەر چىكىشىگە سۇرۇن ھازىرلاپ بىرىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بۇلغانلىقى ئۈچۈن 2020-يىلى4-ئاينىڭ 2-كۈنى كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بىرىلگەن. ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2020〕431- نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋابكار ت**نىڭ باشقىلارنىڭ زەھەر چىكىشىگە سۇرۇن ھازىرلاپ بىرىش جىنايى دېلوسىنى 2020- يىلى 10- ئاينىڭ 09- كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق،دەۋاگەرلەرگە دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق،جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش كۆردۈق. دېلودىكى دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىت تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاندى:
جاۋابكار ر** 2020-يىل3-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچ سائەت 21لەر بىلەن ت**كە تىلفۇن قىلىپ، ت**نىڭ ئۆيىگە باردىغانلقنى ئېيتىپ ،بىر كەنىتلىك ق** بىلەن كورۇشۇپ ت**نىڭ ئۆيىگە بارغان، ئۇلار بىللە ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغاندا، را**مۇ ت**كە تىلفۇن قىلىپ،تۇرسۇن ئەخمەتنىڭ ئۆيىگە كەلگەن،ئۇلار ھاراق ئىچىش جەريانىدا نەشە چىكشنى مەسلىھەتلەشكەن،شۇنىڭ بىلەن ت** ياڭيودىن غاڭزا ياساپ ر** ئېلىپ كەلگەن نەشىنى تۆتەيلەن بىرلىكتە كۆيدۈرۈپ چەككەن ،تۆتەيلەن بىرغاڭزىدىن چىكىپ بولغاندىن كىيىن، ھ**مۇ ت**كە تىلفۇن قىلىپ،ت**نىڭ ئۆيىگە كەلگەن،ئۇلار بىرلىكتە نەشە چىكىپ، ر** ،ت** ،را**،ق**تۆت غاڭزا ،ھ** ئۈچ غاڭزا نەشە چىكىپ ر** ئېلىپ كەلگەن نەشىنى چىكىپ بولغاندىن كىيىن ئۆزلىرنىڭ ئۇيىگە قايتىپ كەتكەن .
دىمەك، جاۋابكار ت**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن باشقىلارنىڭ زەھەر چىكىشىگە سۇرۇن ھازىرلاپ بىرىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى، ئۈن-سىن ماتىرىيالى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
دېلونىڭ پاكىتى ئوچۇق ، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تولۇق بولۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ ،جاۋاپكارنىڭ بېكىتكەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا پىكرى يوق ، ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .
مەھكىمىمىز زەھەر چىكىشكە سۇرۇن ھازىرلاپ بىرىش جىنايەتلىرگە قاتتىق زەربە بىرىش ، دۆلەتنىڭ زەھەر باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە خەلقنىڭ ھاياتى ساغلاملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، جاۋابكار ت**كە«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ354– ماددا ،67-ماددا 3-تارماقنىڭ بەلگىلمىسى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ، جىنايى جازا بېرىشكە تېگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش: ھۆرىيەت تۇردى
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى
قوشۇمچە : 1) جاۋابكار ت** ھازىر ئائىلسىدە كېپىلدە.
2) 9نۇسخا ئەيىبلەشنامە،جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، ئاددىي تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى،جىنايتىنى تۇنۇپ،جازانى قۇبۇل قىلىش ئېتراپنامىسى بىرگە يوللاندى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论