欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(吐某某放火案)

2021-09-19 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 

كۇچا ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ك ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش 〔2020〕 661  -نومۇرلۇق

 كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

جاۋابكار تx، ئەر، ئۇيغۇر، 1999-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان،، كىملىك نۇمۇرى: 6529231999********. تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، تىجارەتچى، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ۋە ھازىرقى ئولتۇرغى: كۇچا شەھەر **** يېزا *****- نۇمۇرلۇق قورو، ئىلگىرى جازالانمىغان،

ئوت قۇيۇش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن،2020-يىلى 01-ئاينىڭ 01-كۈنى كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن  تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان،2020-يىلى 5-ئاينىڭ28-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن كاپالەتچىگە بېرىلگەن ،ھازىر ئائىلىسىدە . 

مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2020〕207-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق يوللىغان جاۋابكار تxنىڭ ئوت قۇيۇش جىنايى دېلوسىنى 2020-يىلى5- ئاينىڭ28-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق،دەۋاگەرلەرگە دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق،جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق،جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق،دېلودىكى بارلىق دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش كۆردۈق، جاۋابكار مەزكۇر دىلونى ئاددى تەرتىپ بىلەن سوت قىلىشقا  قۇشۇلدى، يۇقارقى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :

جاۋابكار تx 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 17:00 ئەتراپىدا، ھx بىلەن بىللە كۇچا ناھىيە**** يېزا **** كەنىت زەيلىك بۇيىدىكى قۇملۇقتا ھاراق ئىچىپ، سائەت 19:30 ئەتراپىدا ئۆيىگە قايتىپ تاماق يەپ بۇلۇپ،ئۆزى يالغۇز كەنىت كومىتىتىغا يىغىنغا بېرىش ئۈچۈن ئۆيدىن چىقىپ مېڭىپ زىيانلانغۇچى پxىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، پxىنىڭ ئۆيىدە ئادەم يوقلىقىنى كۆرۈپ، شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پەيزۇل توختىدىن ئۆچىنى ئېلىش مەقسىتىدە، پxنىڭ ئۆيىگە كەينى باغ تەرەپتىن كىرىپ ھويلىدىكى توختۇتۇپ قويغان ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنىڭ سىۋىچنىڭ سىمىنى ئۈزۈپ، ئاندىن ماي چۈشۈرىدىغان شىلەنكىسىنى ئاجىرتىپ، يۈشاڭدىكى ماينى يەرگە ئېقىتىۋاتقان، ئاندىن ھويلىدىكى يېڭى سالغان ئۈچ ئېغىزلىق ئۆينىڭ دېرىزىسىنىڭ ئۇچۇق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئوت قۇيىۋېتىش مەقسىتىدە شۇ دېرىزىن ئۆيگە كىرىپ يېنىدىكى چاقماق بىلەن دېرىزىنىڭ پەردىسىگە ئوت قۇيۇۋېتىپ ئۆيىگە قايتىپ كەتكەن،نەتىنجىدە پxىنىڭ ئۆيىگە ئوت كېتىپ 40755 يۈەن ئىقتىسادى زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان .

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات،زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى،باھالاش خۇلاسىسى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى،ئۈن-سىن ماتىرىيالى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .

دىمەك، جاۋابكار تxنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ئوت قۇيۇش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تولۇق بولۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ، جاۋاپكارنىڭ بېكىتكەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق،ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .

مەھكىمىمىز جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۇزدىغان جىنايى ھەركەتلەرگە زەربە بېرىپ، پۇقرالارنىڭ جىسمانى ۋە مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ،جاۋابكار تxنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 114-ماددا1-تارماق،67-ماددا3-تارماق بەلگىلمىسى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەش كېرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق.  

ھۆرمەت بىلەن :

   تەپتىش : ئەنۋەر ئەخمەت

      2020-يىلى6-ئاينىڭ 28-كۈنى

قوشۇمچە : 

1) جاۋابكار تx تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان، ھازىر ئائىلىسىدە نازارەتتە  .

           2) بىر توپلام تەھقىقلەش دېلو ماتېرىيالى،9 نۇسخا ئەيىبنامە ،جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى، جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىغانلارنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئىتراپنامىسى بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top