كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامىسى
ك ش ت ج ئەيىپلەش ( 2020 ) 527–نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار تXX، ئەر،1967-يىل- XXئاينىڭ- XXكۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى XXXXXXXX: 6528011967، ئۇيغۇر، مەدىنيەت سەۋىيىسى:باشلانغۇچ مەكتەپ.كەسپىي:دېھقان ،نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: كورلا شەھىرى XX يېزىسى XX كەنتى-XXگۇرۇپپا-XXنۇمۇر. ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورۇن: كورلا شەھىرى XX يېزىسى XX كەنتى-XXگۇرۇپپا-XXنۇمۇر.بۇرۇن جازالانمىغان. 2019-يىلى 05-ئاينىڭ 11-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن .2020-يىلى 05-ئاينىڭ 11-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن .جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە.
كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار تXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 05-ئاينىڭ 04-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق، ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار دىلونى تىز كىسىم چىقىرىش تەرتىپى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكار تXX 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت00:07لەر ئۆتكەندە،ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتەXXXXXM新نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ،كورلا شەھىرى XX يولىدا شەرقتىن-غەربكە قاراپ يول يۈرۈپ،54كىلومىتىرلىق يول بۆلىكىگە كەلگەندە،شۇ يول بۆلىكىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ نەق مەيداندا تۇتۇلغان.
جاۋاپكار تXX2020-يىلى4-ئاينىڭ13-كۈنى سائەت 23:50لەر ئۆتكەندە، پىراۋىسىز ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە،نۇمۇر تاختىسى ئېسىلمىغان ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى ھەيدەپ،XX يولىدا جەنۇبتىن-شىمالغا قاراپ يول يۈرۈپ،كورلا شەھىرى XX ئىقتىسادىي چارۋىچىلىق مەيدانىغا كەلگەندە، شۇ يول بۆلىكىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ نەق مەيداندا تۇتۇلغان.
شىنجاڭ خۋاتۇڭ ئەدىلىيەلىك تەكشۈرۈش مەركىزى (2019) 1545-نۇمۇرلۇق زەھەرلىك ماددا لابراتۇرىيېلىك تەكشۈرەش دوكلاتىدا جاۋاپكار تXXنىڭ قېنىدا ھەر يۈز مىللىلېتىردا123.92مىللىگىرام ئىسپىرىت تەركىۋى بار دەپ يەكۈن چىقارغان.
شىنجاڭ خۋاتۇڭ ئەدىلىيەلىك تەكشۈرۈش مەركىزى (2020) 1838-نۇمۇرلۇق زەھەرلىك ماددا لابراتۇرىيېلىك تەكشۈرەش دوكلاتىدا جاۋاپكار تXXنىڭ قېنىدا ھەر يۈز مىللىلېتىردا195.51مىللىگىرام ئىسپىرىت تەركىۋى بار دەپ يەكۈن چىقارغان.
جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى: يازما ئىسپات،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاشنامە، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش سۆرەتلىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار تXX ئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ، جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكارتXXنىڭ قاتناش- ترانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ،پىراۋىسىز،مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدىگەن قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسى 1-مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكار تXXنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق . قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش :ھاۋاگۈل توختى
گۈلبانۇم قادىر
2020-يىلى07-ئاينىڭ12-كۈنى
ئەسكەرتىش :
(1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام،10 نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى.
(2) جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
(3) جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتراپ قىلىش تىلخېتى بىر نۇسخا
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论