欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(吐某某涉嫌危险驾驶案)(公开版)

2021-09-19 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ت  ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم  ئەيىپلەش (2020) 74-نۇمۇرلۇق

توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

  جاۋابكارت***، ئەر، ئۇيغۇر، **ياش، 19***-يىلى 11-ئاينىڭ 07-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى:652925****1033. دىھقان، ،ماسسا،توقسۇ ناھىيىسىدىن : توقسۇ ناھىيە *** يېزا *** كەنىت 3-گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق 2018 – يىلى11 -ئاينىڭ 17-كۈنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن. 2019 –يىل1 1- ئاينىڭ16-كۈنى كېپىللىك ۋاقتى توشقانلىغى ئۈچۈن كېپىللىكتىن بىكار قىلىنغان، 2019-يىل 11-ئاينىڭ16-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە تۇرالغۇ جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن

بۇ دېلونى تۇقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكار  ت**ننى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ (2020) 112-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:

  جاۋابكار ت*** 2018-يىل 09-ئاينىڭ 08-كۈنى سائەت 22:00دە،  توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازار قۇياش نۇرى ئولتۇراق رايۇنى يېنىدىكى سوغوق ئىچىملىك دۇكنىغا كىرىپ ئاغىنىسى م***،ت*** قاتارلىقلار بىلەن ئولتۇرۇپ ئەنجۈر ماركىلىق قىزىل ھاراقتىن  ئۈچ بۇتۇلكا ئىچىپ بولغاندىن كىيىن، 2018-يىل09-ئاينىڭ 09-كۈنى سائەت 01:25مىنۇت ئۆتكەن ئەتىراپتا توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازار مەنزىرە كۆل ئولتۇراق رايۇنى Cرايۇنىنىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان 新N***نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتىسكىلىتىنى پىراۋىسىز ھەيدەپ، قىزىلنۇر يۇلىدا شەرقتىن غەرب يۆلىنىش بۇيىچە يول يۈرۈپ،ئۈرۈمچى-قەشقەر ئوتتۇرا يۇلىغا چىقىپ شىمالدىن جەنۇب يۆلىنىش بۇيىچە يول يۈرۈپ 56-نۇمۇرلۇق توك ئىستولبىسىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە،شۇ ئەتىراپتا ۋەزىپە ئىجىرا قىلۋاتقان توقسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى چارلاش ساقچى چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرلۈپ، ت***نى توقسۇ ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.

شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2018) 5639-نۇمۇرلۇق باھالاش پىكىرنامىسىدە:  ت***نىڭ  ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە  ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 134 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.     

    يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات،باھالاشنامە، ئۈن-سىن ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ. جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.

مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار  ت**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ .  جاۋاپكار   ت**غا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر، جاۋاپكارغا 3 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە 6000 مىڭ يۈەن شىتراف قۇيۇش تەكلىۋىنى بىرىمىز . شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

                  مۇئاۋىن باش   تەپتىش :   ئۆمەر ئەمەت                      

                                تەپتىش:     ئەمەر قادىر

                        2020-يىلى3-ئاينىڭ 26-كۈنى

قۇشۇمچە :

1› جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 2› دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل ئىسپاتلار 2 تۇپلام. 3› 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى،  بىر دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top