欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(吐某某的危险驾驶案)(公开版)

2021-09-21 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 680 -نومۇرلۇق 

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

جاۋابكار تXX ، ئەر، ئۇيغۇر،51 ياش، 1969-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى : 6529011969XXXXXXXX، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، X شەھىرىX بازىرى X-كەنت X-گۇرۇپ 14-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، كەسپى: دىھقان ،پارتىيە ئەزاسى ، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى09–ئاينىڭ  29-كۈنى  خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن  تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە  كېپىلىكىگە بېرىلگەن.

ئـاقسـۇ شـەھـەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكـۇر دېلـونى تەھـقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، (2020)1245-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق  مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دېلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقى بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

  2020-يىلى 09-ئاينىڭ 22-كۇنى سائەت 19:35 لەر ئەتراپىدا جاۋابكار تXX ئX شەھەر X ماي قاچىلاش پۇنكىتىنىڭ ئالدىدىكى ئاشخانىدا ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ،ئۇيىگە قايتتىش ئۇچۇن شۇ ئاشخانىڭ ئالدىغا تۇختۇتۇپ قۇيغان ،نۇمۇر تاختىسى يۇق ئىككى چاقلىق مۇتۇسكىلىتنى مەس ھالەتتە (پىراۋسىز)ھەيدەپ ،ئاXشەھەر Xنۇمۇرلۇق دۇلەت تاشيۇلى 1041كىلۇمتىرلىق يۇل بۇلىكىگە كەكگەندە ،  شۇ ئەتراپتا چارلاش ۋەزىپىسى ئىلىپ بىرىۋاتقان ساقچىلار تەكشۇرۇش ئارقىلىق  جاۋابكار تXXنى ھاراق ئىچىپ مۇتۇسكىلىت ھەيدىگەنلىكىنى بايقاپ، ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قانتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. تېخنىكىلىق باھالاش ئارقىلىق جاۋابكار تXXنىڭ ھەر  100مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتىدارى206.13مىللىگىرام بولۇپ  (  mg/100ml206.13)   بولۇپ، مەس ھالەتتە مۇتۇسكىلىت ھەيدىگەن.

يۇقارقى پاكىتىنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش–تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋابكار تXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تۇلۇق. جاۋابكار تXX قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، بىكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتراپ قىلدى ھەم جازاغا قايىل بولدى، بۇ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا بىرىنچى مەزمۇن، 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسى بۇيىچە خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا، 214-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىپلىدۇق.

                      تەپتىش :  نXXX

            مۇۋەققەت تەپتىش : دXXX 

                   2020-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى

ئىزاھات : 

1.​ جاۋابكار ئائىلىسىدە كىپىللىكتە، تىلفۇن نۇمۇرى: 1357912XXXX

2.​ 8 نۇسخا  ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى، جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى ۋە بىر توپلام ج خ دېلو ماتىرىيالى بىرگە ئەۋەتىلدى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top