乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕48号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020)48-نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار تۇxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئايىنىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 652928xx315، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق جايى ئۇچتۇرپان ناھىيە xx بازىرى xx يۇلى xx-نومۇر xx-بىنا xx-ئىشىك xx– نومۇرلۇق ئۆي، ھازىر ئۇچتۇرپان ناھىيە ئۇچتۇرپان بازىرى xx ئاھاللا xx-بىنا xx-كۇرپۇس xx-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك xx ئامانلىق قوغدىغۇچىسى، ئىلگىرى جازالانىمىغان، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپىسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار تۇxxنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 31-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتكەن پاكىت
جاۋابكار تۇxx 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 20:00 ئەتراپىدا، ئۇچتۇرپان بازىرىدىكى يىڭى ئېچىلغان كەچلىك بازاردا خىزمەتدىشى ماxx (خۇيزۇ) بىلەن ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، سائەت 00:00 ئەتراپىدا xx نومۇرلۇق، كۆك رەڭلىك، ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتىنى مەسىت ھالەتتە ھەيدەپ (پىراۋىسى بار) ماڭغاندا، شۇ ئەتراپنى چارلاۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن بايقالغان. جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.
شىنجاڭ خواتوڭ قاتناش ھادىسسى ماددى بۇيۇملىرىنى ئەدىليىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ ماددى ئىسپاتلارنى ئەدىلىيىلىك باھالاش دوكلاتىدا «جاۋابكار تۇxxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قېنىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 166.01 مىللىگىرام» دەپ بىكىتكەن.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى قاتارلىق دەلىل ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار تۇxx مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار تۇxxنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش تىرانسىفورىت قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك، جاۋابكارغا جىنايىتىنى تولۇق تۇنۇپ، قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى، قاندىكى ئىسپىرىتنىڭ مىقدارى، قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن يول بۈلىكى ۋە مۇساپە، جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن ئىجتىمائى تەسىرى ۋە خەۋىپى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىش ۋە ئىشتىراپ قۇيۇش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: مۇقەددەس تۇرسۇن
پۈتۈكچى: ئالىم ئىمامنىياز
2020-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
ئىزاھات: (1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دېلوسى يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە، تىلفۇن نۇمۇرى: xx
(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخىدىن يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论