شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش ( 20209 ) 38-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار ئېxx، ئەر، ئۇيغۇر، 24ياش، كىملىك نومۇرى: 65290119xxxxxx2272، كەسىپى دېھقان، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، XX شەھىرى xx بازار xx كەنىت 2-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋاپكارغا ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى ئۇقتۇرۇپ قانۇن بۇيىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھۇقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇختۇرۇپ قويۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
- 2018 يىلى-11 ئاينىڭ -21كۈنى سائەت 21:00 لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار ئېxx ھاراق ئىچكەندىن كېيىن XX شەھەر xx بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى يول بۆلىكىدە 新NBxxXX) 新NxxXX ۋاقىتلىق) نۇمۇرلۇق ماشىنىنى مەسىت ھالەتتە شىمالدىن-جەنۇب يۆلىنىشتە ھەيدەپ مېڭىپ ئالدى تەرەپتە مېڭىۋاتقان ماشىنىنى ھەيدەپ چىقىپ ئەسلى يولغا كىرىش جەريانىدا ماشىنا كونتىرۇللىقىنى يوقۇتۇپ ئوڭ تەرەپكە يانداپ يول بويىدا مېڭىۋاتقان ئېxx (2-دەرىجىلىك يىنىك زەخمە) بىلەن رxx (زەخمىلەنمىگەن) نى سۇقىۋېتىپ ۋەقە سادىر قىلغان، كېيىن شۇ ئەتراپتا چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن بايقالغان.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكار ئېxxنىڭ 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارى 108 مىللىگىرام (108mg/100ml) بۇلۇپ، مەسىت ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدىگەن، دىيىلگەن
يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى، ئېنىقلاش -تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل - ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار ئېxxنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ -133ماددا بىرىنچىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگەخىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تۇلۇق، خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك،جاۋابكار ئېxxجىنايەت پاكىتىلىرىنى ئېتراپ قىلىپ جىنايىتىنى تۇنۇپ بېرىلدىغان جىنايى جازاغا قايىلل بولدى ،بۇ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن،شۇڭا جاۋابكارئېx xنىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايتىگە 1 ئاي 20كۈن قاماق جازاسى بېرىپ قۇشۇمچە 4 مىڭ يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بېرىش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق، جاۋابكار ئېxxxنى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ284-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە ئاددى تەرتىپىنى قوللۇنۇپ ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن تەكلىپ بېرىمىز.
تەپتىش: نxx
مۇۋاققەت تەپتىش: دxx
2020-يىلى 3-ئاينىڭ 26- كۈنى
ئىزاھات:
1. جاۋابكار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.ئالاقىلىشش تېلىفۇن نۇمۇرى :132xxxx8389
2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە،جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى ، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论