شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئـاقسـۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئـەيىبنـامىسـى
ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 295-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋابكار ت، XX ئايال، ئۇيغۇر، 23 ياش، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX6529011996،تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، ئولتۇقى: ئاقسۇ شەھەر XXبازار -XXكەنىت -XXگۇرۇپ، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى XXشەھەرلىك خ خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بېرىلىگەن.
XX شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى (2020) 95-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى، مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە
جاۋابكار ت -2019 XXيىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى XX بازار XX-كەنىت كومتىتىنىڭ ئارخىپ ئىشىخانىسىدا زىيانلانغۇچى ئاXX نىڭ پۇل ساناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئوغرىلىق قىلىش مەقسىتىدە كەنىت كومتىتىدىكى بارلىق خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئىشتىن چۈشۈپ كەتكەن ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى سەھەر سائەت 1:40 لەر ئەتىراپىدا ئارخىپ ئىشخانىسىغا كىرىپ، زىيانلانغۇچى ئا XXنىڭ ئارخىپ ئىشكابىنىڭ قۇلپىسىنى ئۆزى ئالدىن تەييارلىۋالغان قايچا بىلەن ئېچىپ ئارخىپ ئىشكابىنىڭ ئىچىدىكى 2200 يۈەن پۇل بىلەن ئارخىپلارنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئوغرىلاپ، ئارخىپ ئىشكابىنىڭ ئىشىكىنى تاقىماقچى بولغاندا قايچىنىڭ ئۇچى سۇنۇپ قالغان، جاۋابكار ت XX ئوغرىلىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ نەق مەيداندىن ئايرىلىغان، دىلو پاش بولغاندا 1100 يۈەن ئەسلىگەن كەلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى ماددى ئىسپات، يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ
مـەھكىمىمىز جاۋابكار ت XXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددابەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، جاۋابكار ت XX مەھكىمىمىز شىكايەت قىلىغان جىنايەت پاكىتىنى ۋە جىنايەت نامىنى ئىتىراپ قىلىپ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولدى. بۇ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكار ت XXنى ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش : ئايچولپان ئېزىز
2020-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى
ئەسكەرتىش:
1. جاۋابكار كىپىلگە بېرىلىگەن ھازىر ئائىلىسىدە
2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغانلىق توغرىسىدىكى تىلخەت، بىر نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، بىر نۇسخا ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى بىر توپلام رازۋىتكا دىلو ماتىرىيالى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论