博乐市人民检察院
起 诉 书
博乐市检一部刑诉〔2020〕20号
بورتالا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ب ش ت ب ب ج ئەيىپلەش خەتلىك (2020) -نومۇرلۇق
جاۋابكار تۇر**، ئەر، ئۇيغۇر، 1966-يىلى *-ئاينىڭ *-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 6527011966********، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: * شەھىرى داجىياڭ * ئولتۇراق رايۇنى *-بىنا *-كورۇپۇس *-نومۇرلۇق ئۆي، نوپوسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى * ساقچىخانىسى. جاۋابكار تۇ* 2019-يىلى 04-ئاينىڭ 26-كۈنى ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلغان، 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن.
مەزكۈر دىلونى بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى (2019)374-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق جاۋابكار تۇ*نى ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە، جاۋابكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ھەم جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، پۈتۈن دىلو ماتىرىياللارنى تەكشۈردۇق. دىلو بىر قېتىم تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرۇلدى. قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشىمىزچە تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلىرى ئىنىقلاندى:
2016-يىلى 6-ئايدىن، شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە، جاۋابكار تۇ* ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تىپىش مەقسىتىدە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى م* شىخو تۈرمىسىدە جازا ئۆتەۋاتقان ئوغلى تۇ*نى تۈرمىدىن چىقىرىپ بېرىش ياكى ئىجرا قىلىدىغان يىلىنى ئازايتىپ بېرىشنى باھانە قىلىپ، ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مى*نىڭ 300000 يۈەن( ئۈچ يۈز مىڭ يۈەن) خەلق پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغان. زىيان ئىگىسىگە تولۇق قايتۇرۇلغان.
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بايانى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، يازما ئىسپات قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋابكار تۇ* قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، پاكت ئويدۇرۇپ چىقىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇش ۋاستىسىنى قوللىنىپ، باشقىلارنىڭ 300000 يۈەن (ئۈچ يۈز مىڭ) خەلق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، مىقدارى ناھايىتى كۆپ. جاۋابكارنىڭ بۇ قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن» نىڭ 266-ماددىسىدىكى ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. پاكىت ئىنىق، دەلىل-ئىسپات تولۇق ۋە راست، جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن :
بورتالا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : گۇلجامال نۇرتاش
2020-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى
قوشۇمچە :
1)جاۋابكار تۇ* بىرتەرەپ قىلنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن.
2)دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى، گۇۋاھچىلار تىزىملىكى، ج خ ئىككى توپلام، تەپتىش بىر توپلام، 2 دانە پىلاستىنكا بىللە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论