شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئاقسۇ شەھەرلىك تەپتىش ئەيىبلەش [2018] 1580-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئاxx، ئايال، ئۇيغۇر، 35 ياش، كىمىلىك نۇمۇرى: xxxxxxxx6529011983،ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يۇرتى:ئاقسۇ شەھەر،كېپىلگە بىرلىشتىن ئىلىگىرى:ئاقسۇ شەھەر xx يولى xxئولتۇراق رايۇنى xx-بىنا xx-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق،مۇقىم كەسىپى يوق، 2017-يىلى9-ئايىنىڭ 8-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھىكىمىسى تەرپدىن ئەسەبىيلىكنى تەرغىپ قىلىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 10 يىللىق قاماق جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە سىياسى ھوقۇقىدىن 3 يىل مەھرۇم قىلىش، 10 مىڭ يۈەن ئىشتىراپ قۇيۇشقا ھۈكۈم قىلىنپ،2017-يىلى 9-ئايىنىڭ 12-كۈنى جازاسى ۋاقتىنچە تۇرما سىرتىدا ئىجرا قىلىش قارار قىلىنغان. 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن كېپلگە بىرىلگەن.
جاۋاپكار تۇرxx،ئەر ،ئۇيغۇر، 32 ياش،كىملىك نومۇرى: xxxxxxxx6529011985،تۇلۇقىسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە،يۇرتى : ئاقسۇ شەھەر، توختۇتۇپ قۇيلۇشتىن ئىلگىرى :ئاقسۇ شەھەر xxيولى xx-كوچا xx-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق،مۇقىم كەسىپى يوق،2017- يىلى 6- ئايىنڭ 16-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھىكىمىى تەرىپدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 9 ئايلىق قاماق جازاسى بىرىپ،قۇشۇمچە 3000 يۈەن ئىشتىراپ قۇيۇشقا ھۈكۈم قىلىنىپ،2017-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى جازاسى ۋاقتىنچە تۇرما سىرتىدا ئىجرا قىلىش قارار قىلىنغان. 2018-يىل 3-ئاينىڭ 1- كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن توختۇتۇپ قۇيلۇپ،مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى بىلەن 2018-يىل 4-ئاينىڭ 8-كۈنى قولغا ئېلىنىغان.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخرلاشتۇرۇپ، 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى (2018)337-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ كۆرۈپ،2018- يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تۇلۇقلاپ تەھقىقلىشىگە بىر قېتىم قايتۇرۇلدى، مەزكۇر دىلونى قايتا قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى، ھەم ئاقلىنىش ھوقوقى بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكار ئاxx بىلەن تۇxx 2018-يىلى 1-ئايىنىڭ 17-كۈنى ۋە 2-ئاينىڭ 8-كۈنى ئوغۇرلۇق قىلىش مەقىسىتىدە ئاقسۇ شەھەر xxيولى xx كوچىسىنىڭ يان تەرىپدىكى xx بازىردا ۋە ئاقسۇ شەھەر xx كوچاxx يەر ئاسىتى سودا بازىرىغا كىرىپ،بازاردا مىۋە ئېلۋاتقان خوڭ xxنىڭ يانچۇقىدىن 2340.00 يۈەن قىممىتىدىكى OPPO ماركىلىق R11s تپلىق قارا رەڭلىك يان تېلغۇن بىلەن، بازار ئايلىنۋاتقان زىيانلانغۇچى ۋۇ xxىڭ يانچۇقىدىن 1440.00 يۈەن قىممىتىدىكى توخۇڭ رەڭلىك VIVO ماركىلىق V3 max تېپلىق يان تېلغۇننى جاۋاپكار ئاxxىڭ ئەتراپنى كۈزۈتۈپ،ئۈزىنى دالدا قىلىپ شارائىت يارتىپ بىرىشى بىلەن جاۋاپكار تۇxx ئوغۇرلىغان.دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات،زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە بايانى، جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى،مال-باھا ئىدارىسىنىڭ باھالاش يەكۈنى،ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار ئاxx بىلەن تۇxxنىڭ يۇقارقى قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، جاۋاپكار ئاxx بىلەن تۇرxxنى ئوغۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددا،25-ماددا ۋە 70-ماددا بەلىگىلىمىسى بۇيچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش : ئەنۋەر ئەمەت
مۇئاققەت تەپتىش : ئالىمجان ئېزىز
2018 -يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
ئىزاھات :<1> جاۋاپكار تۇxx ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
<2> جاۋاپكار ئاxx كېپىلگە بىرىلگەن،ھازىر ئائىلىسىدە.ئالاقىلشىش تىلپۇن نومۇرى: xxxxxx15292 . xxxxxx18309
<2> 13 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى ،
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论