xx شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىبلەش (2020) 476 -نومۇرلۇق
xx شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار xx ئەر، ئۇيغۇر، 31ياش، كىملىك نومۇرى: xxxxxxxx6529011989، xx-يىلى1-ئاينىڭ5-كۈنى تۇغۇلغان. شىنجاڭ xxشەھەردە تۇغۇلغان، يۇرتى: شىنجاڭ xx شەھىردە. نوپۇس تۇرۇشلۇق جاي: xx ساقچىخانسى، تۇرۇشلۇق ئادرېسى: شىنجاڭ xx xx يېزا 17-كەنىت 01-گۇرۇپ 47-نۇمۇر. مەدەنيەت سەۋىيىسى:تۇلۇقسىز، كەسپى: دېھقان، پارتىيە ئەزاسى ئەمەس، توي قىلغان، ئەقلىي-ھوشى جايىدا، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى6-ئاينىڭ 9-كۈنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەنxx شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن.
xx شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار xx خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار بۇ دېلونى تېز سوت قىلىش تەرتىپنى قوللىنىپ سوتلاشقا قۇشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكارxx 2020-يىلى 06-ئاينىڭ 01-كۇنى سائەت 23:56لەردە جاۋابكار xx ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، xx شەھەرxx 2-گۇرۇپتىكى ئۆيگە تۇختۇتۇپ قۇيغان نۇمۇر تاختىسى يۇق ئىككى چاقلىق مۇتۇسكىلىتنى(پىراۋسىز) ھەيدەپ، xxشەھەر بxx يىزا 16-كەنىت 2-گۇرۇپقا كەلگەندە، شۇ ئەتراپتا چارلاش ئېلىپ بىرۋاتقان ساقچىلار تەكشۇرۇش ئارقىلق جاۋابكار xx ھاراق ئىچىپ مۇتۇسكىلىت ھەيدىگەنلىكىنى بايقاپxx شەھىرى جامائەت خەۋەپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش چوڭ ئەترتىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن،xx شەھىرىجامائەت خەۋەپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش چوڭ ئەترتى جاۋابكارxx ھاراق ئىچىپ مۇتۇسكىلىت ھەيدىگەن دەپ گۇمانللىنپ قېنىنى ئېلىپ تىخنىكىلق باھالاشقا يوللىغان.
شىنجاڭ خواتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددىي بويۇملىرىنى ئەدىليىلىك باھالاش ئورنىنىڭ ئەدىليىلىك باھالاش دوكلاتىدا «جاۋابكار xx 100مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتىدارى161.29مىللىگىرام بۇلۇپ» دەپ يەكۈن چىقىرىلغان.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى ۋە ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكارxxيۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەم ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار xx ھاراق ئىچىپ پىراۋىسىز، مەسىت ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1- مەزمۇن بەلگىلىمىسىدىكى خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان. تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بار. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسىنى قۇشۇپ تەدبىقلاپ 2 ئاي 20كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىش، قۇشۇمچە 5000يۈەن ئىشتىراف قۇيۇش تەكلىپىنى بىرىمىز. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: ھۈxx
مۇۋەققەت تەپتىش: مەۋxxە
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى
ئىزاھات :
1. جاۋابكار كېپىلدە. ئالاقىلىشىش نۇمۇرى: ،xxxxxx18099،xxxxxx15999
2. 8نۇسخا ئەيىبنامە، جىنايىتىنى تۇتۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تېل خېتى، جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى ۋە بىر توپلام ج خ دېلو ماتىرىيالى بىرگە ئەۋەتىلدى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论