شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئاقسۇ ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 517-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋابكار ت XX ، ئەر، ئۇيغۇر، 36 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 6529011984XXXXXXXX ،تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھرى، ئاقسۇ شەھەرXX بازار XX كەنىت XX گۇرۇپ XX نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، دېھقان، ئىلگىرى جازالانغان. ( 2018-يىل 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بىرىلگەن ) 2019-يىل 10-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەرىپىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىل 3-ئاينىڭ 22-كۈنى(2020) 1509-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى،مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :
جاۋابكار ت - 2019 XX يىلى- 10ئاينىڭ -10كۈنى سائەت 20:30 لاردا ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، كەچ سائەت 23:30 لەردە ئۆيىگە قايتىش ئۈچۈن XX بازار XX كەنىت XX گۇرۇپتىكى مەلۇم بىر ماگزىن ئالدىغا توختىتىپ قويغان نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى پىراۋىسىز مەس ھالەتتە ھەيدەپ XXبازار XX كەنىت XXگۇرۇپ يول بۆلىكىگە كەلگەندە يىقىلىپ كەتكەن. شۇ ئەتىراپتا چارلاش ئېلىپ بېرۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ قېنىنى ئېلىپ تەكشۈرگەندە، ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 342.74 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئىنىقلانغان بۇلۇپ مەس ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن .
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى، ئېنىقلاش –تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
مەھكىمىمىز جاۋاپكار ت XX نىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل –ئىسپاتى توللۇق. ئۇنىڭ قىلمىشى يەنە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنى »نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن. جاۋاپكار ت XX غا 6 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە 12000 شىتىراف قۇيۇش مۇۋاپىق دەپ قاراپ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق .
تەپتىش : ھۈسەنجان موللىمىن
2020-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى
ئىزاھات :
‹1جاۋابكار ت XX كېپىلگە بېرىلگەن ،ھازىر ئائىلىسىدە ،تېلفۇن نۇمۇرى : XXXX1377979
2› 8 نۇسخا ئەيىبنامە، جىنايىتىنى تونۇپ جازاسىغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى ۋە بىر توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论