欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(吾某某危险驾驶案)

2021-09-20 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئـاقسـۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئـەيىبنـامىسـى

                 ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020)  642 -نۇمۇرلۇق

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :

   جاۋابكار ھوXX  ،ئەر، ئۇيغۇر، 40 ياش، كملىك نومۇرى: XXXXXXXX 6529011979  ، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، يۇرتى:ئاقسۇ شەھەر، ئولتۇرقى : ئاقسۇ شەھەر XX بازار -XXكەنت يۇقارقىXX كەنت -XXگۇرۇپ -XXنۇمۇر، دېھقان،ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن.

   ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى (2019) 1351-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى، مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى. 

   قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە

  جاۋابكار ھو XX 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 18:00لەردە ئاقسۇ شەھەر XX بازار -XXكەنتتە ھاراق ئىچكەندىن كېيىن،مەXXنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتنى ھەيدەپ ،2019-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 21:40 لەر ئەتراپىدا ئاقسۇ شەھەر XX بازار -XXكەنت كومېتىتىنىڭ ئالدىدىن 200 مېتىر ئۆتكەندە يولنىڭ قىرغىقىىدا بىر ئادەمنى سوقۇپ قويغان،شۇنىڭ بىلەن شۇ ئەتراپتا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرلۈپ، تەكشۈرگەندە 100 مىللىمىتر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 143.59 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان .

   يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مـەھكىمىمىز جاۋابكار ھوXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، جاۋابكار ھوXX جىنايى قىلىمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، جازاغا قايىل بولدى، بۇ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، جاۋابكار ھوXXنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق جىنايىتى بىلەن «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن، 67-ماددا 3-تارماق بەلگلىمىسى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق. 

 تەپتىش : ھۈسەنجان موللىمىن

 2020-يىلى6-ئاينىڭ3-كۈنى

ئەسكەرتىش: 

1.​ جاۋابكار ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بېرىلىگەن. 

 2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغانلىق توغرىسىدىكى تىلخەت، بىر نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، بىر نۇسخا ئاددى تەرتىپ قوللىنىش پىكىرنامىسى، بىر توپلام رازۋىتكا دىلو ماتىرىيالى بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top