شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ج ئە (2020) 407 -نۇمۇرلۇق
جاۋابكار ئو** ,ئەر، ئويغۇر،**ياش، ****-يىل*-ئاينىڭ **_كۇنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: 652925****0018، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىينەت سەۋيىسىگە ئىگە،ئىشچى، ** ناھىيىسىدىن، ** ناھىيە ** بازار ** ئولتۇراق رايۇنى **- بىنا -** كۇرپوس **نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق،ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى توقسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن.
جاۋابكار ئو**نىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى توقسۇ ناھيلىك ج خ ئىدارىسى 2020-يىلى 11 -ئاينىڭ 25-كۈنى (2020) 23-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.
مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدى، دېلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرنى تەكشۈردى.
مەھكىممىز قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك پاكىتلارنى ئېنىقلىدى.
جاۋابكار ئو** 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 30- كۇنى تۇقسۇ ناھيە تۇقسۇ بازار جىيامى مال سېتىۋېلىش مەيداننىڭ ئىككنچى قەۋىتىدىكى بىر ئاشخاندا دوستىلىرى بىلەن بىرگە ئاق ھاراق ئىچىپ سائەت01:00 لەردە ئاشخاندىن چىقىپ جىيامى ماشنا توختىتش مەيدانىغا توختىتپ قويغان 新N18301نۇمۇرلۇق ماشننى ھەيدەپ ئازادىلق يۇلدا غەرىپتىن شەرققە يۆلىنش بۇيچە يول يۇرۇپ تۇقسۇ بازار كۇنگەي ئولتۇراق رايۇنى ئالددىكى يول بۇلىكگە كەلگەندە، شۇ ئەتىراپتا ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان تۇقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارسى چارلاش ساقچى چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىلىرى تەرپىدىن قولغا چۇشكەن .
شنىجاڭ چۇڭشىن ئەدىليىك باھالاش مەركىزنىڭ (2020)5023- نۇمۇرلۇق ئەدىليلىك باھالاش پىكرنامسدا ئو**نىڭ ھەر يۇز مىللتىر قان سۇيۇقلىقى تەركىبدە ئىسپرت مىقدارنىڭ 193 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنقلانغان.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى،باھالاش پىكرى، ئۈن-سىن ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى پاكىتلارنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تۇلۇق بۇلۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ.
مەھكىممىز، جاۋابكار ئو**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جاۋابكار ئو**كە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ133-ماددا،67- ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بىرىش زۇرۇر ، جاۋابكار ئو**كە 2 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى قۇشۇمچە 4000يۇەن ئىشتىراپ قۇيۇش جازاسى بېرىش توغىرسدا تەكلىپ بېرىمىز،شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : نۇرمەمەت ۋاھىت
تەپتىش : سائادەت مەخمۇت
2020-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى
قۇشۇمچە : ① جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە . ② 2 توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论