乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2021〕46号
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىبلەش (2021) 46-نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار ئو ،XX ئەر، قىرغىز، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى ********65302319، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق جايى: ئاقچى ناھىيە XX كوچىسى **-ھويلا **-نومۇر، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادىرېسى ئۇچتۇرپان ناھىيە XX ئائىلىكلەر قورۇسى **-بىنا **-كورپۇس **-ئۆي، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىسىگە ئىگە، ئۇچتۇرپان ناھىيە XX ئورنىنىڭ تۇختاملىق ئىشچىسى، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئو XX نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىدۇق ۋە جاۋابكار بىلەن نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار بۇ دېلونى تىز سوت قىلىش تەرتىپىنى قوللۇنۇپ سوتلاشقا قۇشۇلدى.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت
جاۋابكار ئو XX 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 22:00 ئەتىراپىدا خ ،XX د،XX غ XX قاتارلىقلار بىلەن ئۇچتۇرپان ناھىيە دوسلۇق يۇلىدىكى بىر دۇكاندا11 -ئاينىڭ 5-كۈنى 00:30 ئەتىراپىغىچە ھاراق ئىچىپ پىيادە ئۆيىگە قايتىپ كەتكەن. سائەت 12:30 ئەتىراپىدا مەس ھالەتتە ئۇچتۇرپان ناھىيە XX ئورنى ئىگىدارلىقىدىكى ****新A نومۇرلۇق ماشىنىسىنى يېڭى شەھەر ئولتۇراق رايونى 2-رايۇن كىرىش ئېغىزنىڭ ئالدىدىكى XX ئورنىدىن ھەيدەپ چىقىپ، دوسلۇق يولىدىكى كىسەلكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورنىنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختاتقان، سائەت 15:09 ئەتىراپىدا يەنە شۇ ماشىنىنى ھەيدىمەكچى بۇلۇپ ئارقىغا ياندۇرۇش جەريانىدا مەمەت ئابلا نامىدىكى****新N نومۇرلۇق ماشىنىنىڭ ئالدى قىسمغا سۈركۈلۈپ كىتىپ نەق مەيداندىن ئايرىلىپ دوسلۇق يۇلىدىن ئىتپاق ئاھالىلار كومىتىتى ئالىدغا كەلگەندە ****新N نومۇرلۇق ماشىنىنىڭ ئىگىسى كەنىدىن قۇغلاپ تۇسۋالغان ۋە ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلغان.
جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى
شىنجاڭ خۇتۇڭ قاتناش ھادىسسى ماددى بويۇملىرىنى ئەدىليلىك باھالاش ئورنى ئوXXنىڭ ھەر 100 مىللىمىتىر قېنىنىڭ تەركىۋىدىكى ئالىكوگۇل مىقدارى 308.22 مىللىگىرام دەپ ئەدىلىيە باھالاش يەكۇنى.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ .جاۋابكار ئو XX يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەم ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار ئو XX نىڭ ھاراق ئىچىپ مەسىت ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن ھەم ھادىسە كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشىدىن «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىدىكى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار قىلمىشىنى تولۇق تۇنۇپ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بار قاتارلىق تەرەپلەرنى بىرلەشتۈرۈپ جاۋابكارغا 4 ئاي 20 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىش، قۇشۇمچە 9000.00 يۇەن ئىشتىراپ قۇيۇش تەكلىپىنى بىرىمىز. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
مۇئاۋىن باش تەپتىش: ئەكبەرجان ئابلەت
پۈتۈكچى: ئامانگۇل تۇردى
2021-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە. ئالاقىلىشىش نومۇرى: ********181
(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论