شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
پىچان تەپتىش ج ئى ئە چىقىش (2020) 185 -نومۇرلۇق
پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار: ئو**، ئەر، ئۇيغۇر، تۇغۇلغان ۋاقتى: 19**- يىلى **- ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 65212219******5053، پىچان ناھىيە** بازىرى ** كەنت 9- گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق، تولۇق كۇرۇس مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئىلگىرى جازالانمىغان، دىھقان. خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، 2019- يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى پىچان ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن، 2020- يىلى 3- ئاينىڭ 18- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قايتا كىپىللىككە بېرىلگەن.
پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئو**نىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 3- ئاينىڭ 18- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، قانۇن بويىچە بەھرىمان بولىدىغان ھوقۇق- مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق .دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق.
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتى:
2019-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۇنى سائەت 7 دىن 42 مىنۇت ئۆتكەندە، جاۋابكار ئو** ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە新K**17 نومۇرلۇق “**” ماركىلىق كىچىك تىپتىكى ماشىننى ھەيدەپ، غەرىپتىن شەرىققە قاراپ مىڭىپ، پىچان ناھىيە ** بازىرى**ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، سولغا ئايلىنىش جەريانىدا يول ياققىسىغا تۇختىتىپ قۇيغان جە**ھەيدىگەن رەسمىيەتسىز ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىت بىلەن سۇقۇلغان، نەتىجىدە ئادەم يارلانماي، قاتناش ۋاستىسى زىيانغا ئۇچىراشتەك ئادەتتىكى قاتناش ھادىسى يۈز بەرگەن.
شىنجاڭ خېڭجېڭ ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019) 107- نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۇرۇش دۇكلاتنامىسىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا : ئۇ**تىن ئېلىنغان قاندىكى ئىسپىرت مىقدارى mg/100ml 230.5 دەپ يەكۈن چىقارغان.
يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن:
1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛ 2. زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى؛ 4. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 4. باھالاش يەكۈنى؛5. نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرە، خەرىتە، سۆرىتى قاتارلىقلار بار.
مەھكىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار ئو** دۆلەتنىڭ قاتناش-تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، قىلمىشىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا بولسا تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش.
جاۋاپكار ئو** جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ،» جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15- ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67- ماددىسىنىڭ 3- تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن، يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز جاۋاپكار ئوسمان ئەخمەتكە 4 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ قوشۇمچە شىتىراپ قويۇپ جىنايى جازاسىنى كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازا تەكلىپىنى بېرىدۇ.
جاۋاپكار ئو**نىڭ خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن
تەپتىش: نۇرسىمانگۈل مەمەتتۇرسۇن
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى
ئىزاھات :
1. جاۋاپكار ئو** ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە.
1. دېلو ماتىرىيالى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى دېلو ئارخىپى 2 توپلام ،تەپتىش مەھكىمىسى دېلو ئارخىپى 1 توپلام، ئەيىبنامە 18نۇسخا، جىنايىتىنى تونۇپ، جىنايىتىنى قوبۇل قىلىش تىلخىتى بىر پارچە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论