欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(吾某某涉嫌危险驾驶案)(公开版)

2021-09-21 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ت  ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم  ئەيىپلەش (2021) 39-نۇمۇرلۇق

توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

   جاۋابكار ئو**، ئەر، ئويغۇر، **ياش،****-يىلى**- ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:3013******* 652925،  تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە ،دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان،ت**ناھىيىسىدىن،ت**ناھىيە  ئۈ** يېزا   ك**-گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق، 2021-يىلى1-ئاينىڭ 13-كۈنى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى توقسۇناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن بىرتەرەپ قلىنغىچە كاپالەتچگە بېرىلگەن.

بۇ دېلونى تۇقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكار           ئو**نى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ (2021) 89-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكارلار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:

جاۋابكار ئو** ،2021- يىلى 01- ئاينىڭ12- كۈنى سائەت23:30 ئەتىراپىدا، توقسۇ ناھىيە يۇلتۇزباغ بازىرىدىكى «ئوتلۇق ساماۋەر قورۇمىللىرى» خوگوخانىسىدا دوستى س** بىلەن بىرگە ھاراق ئىچكەندىن كېيىن،1-ئاينىڭ 13-كۈنى 01:00لەر ئەتىراپىدا ، «ئوتلۇق ساماۋەر قورۇمىللىرى» خوگوخانىسىنىڭ ئالدى تەرپىدىكى ماشىنا توختۇتۇش ئورنىغا توختىتىپ قويۇلغان 新N4489Q نۇمۇرلۇق كىچك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ يولغا چىقىپ، دۆلەت يۇلى314-لىنيە يول بۆلىكىدە شەرقتىن غەرب يۆنىلىشىدە يول يۈرىۋاتقاندا،توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى يۇلتۇزباغ بازارلىق خەلىققە قولايلىق يارتىش ساقچى پونكىتىنىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن  تەكشۈرلۈپ، توقسۇ ناھىيلىك خەلىق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.

شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2021) 495- نومۇرلۇق باھالاش دوكلاتنامىسىدە« ئو**نىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقى تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 232 مىللىگىرام»  دىيىلگەن.

    يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات،گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاشنامە، ئۈن-سىن ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ. جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.

مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار   ئو**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن   ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ. جاۋاپكار            ئو**غا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر، جاۋاپكارغا4 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە 8 مىڭ يۈەن شىتراف قۇيۇش تەكلىۋىنى بىرىمىز . شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

                 مۇئاۋىن باش   تەپتىش :  ئۆمەر ئەمەت

                        تەپتىش:   ئەمەرجان ساتتار

                        2021-يىلى 2-ئاينىڭ  5-كۈنى

قۇشۇمچە :

1› جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 2› دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل ئىسپاتلار 2 تۇپلام. 3› 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى،  بىر دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top