欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(吾某某涉嫌盗窃案)(公开版)

2021-09-20 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020) 255-نۇمۇرلۇق

توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:  

   جاۋابكار ئۇ**، ئەر، ئۇيغۇر، **ياش، ****-يىلى** -ئاينىڭ** -كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومىرى : 652925*******105X، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە ، دېھقان، ت** ناھىيسىدىن ، ت** ناھىيە ئى** بازار ئۇ**كەنت **-گوروپ **-كوچا **-نومۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن تەكشۈرلۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلىسىگە  كاپالەتچىگە بېرىلگەن.

 جاۋابكار ئۇ**نىڭ ئوغۇرلۇق جىنايەت دېلوسىنى، توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 139–نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. 

مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلىرى  ئېنىقلاندى:

جاۋاپكار ئۇ** 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 21لەر ئەتراپىدا ، توقسۇ ناھىيە ئىچئېرىق بازار ئۇزۇنكوچا كەنت 4-گوروپ 7-كوچا 11-نومۇرلۇق ئۆيىدىن ئۆزىنىڭ توخۇڭ رەڭلىك ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتىنى مىنىپ، توقسۇ بازىرى بىڭخۇ شېڭدې ئالتۇن كوچىسىغا ئاغىنىسى م**، ھ** قاتارلىقلار بىلەن ھاراق ئىچكىلى بېرىپ، ئۈچ پوتولكا ھاراقنى ئىچكەندىن كېيىن، ئۆيىگە قايتىپ كېتىش ئۈچۈن توكسىكىلىتىنى توختىتىپ قويغان بىڭخۇ شڭدې مىھمانخانىسنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ توكسىكىلىتى يوقلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ توكسىكىلىتىنى توختىتىپ قويغان ئورۇندىكى زىيانلانغۇچى ق**نىڭ 2626يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە 艾立信ماركىلىق قىزىل رەڭلىك ئىككى چاقلىق توكسىكلىتىنى ئوغۇرلاپ ، ئۆزىنىڭ توقسۇ ناھىيە ئىچئېرىق بازار قىزىلنۇر كەنىتتىكى ئادەم ئولتۇرمايدىغان ئۆيىگە ئاپىرىپ توختىتىپ قويغان. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

يوقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات، باھالاشنامە ، ئۈن- سىن ماتىريالى ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل -ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ . 

مەھكىممىز، جاۋابكار ئۇ**نىڭ قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەككىللىندۇ . جاۋابكار  ئۇ**غا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا 67- ماددا 3- تارماقتىكى بەلگىلمىسى بۇيىچە، جىنايەت بىكىتىپ جازا بىرىشكە تېگىشلىك، جاۋاپكار ئۇ**غا 4 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى قۇشۇمچە 1000يۈەن ئىشتىراپ قۇيۇش جازاسى بىرىش توغرىسىدا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى بىرىمىز، شوڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

ھۆرمەت بىلەن :

توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش : مۇنىرە ئېلى 

تەپتىش : ئەمەر ئەمەت

                 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى

قۇشۇمچە : ① جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە  . ② 2 توپلام ج خ دىلو ماتىريالى ، 8 پارچە ئەيىپلەشنامە ، 1 دانە  پىلاستىنكا دىلو بىلەن بىرگە يوللاندى 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top