欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(吾某某盗窃案)

2021-09-21 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 

تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                 ئى ر ت ئە چىقىش (2020)101-نومۇرلۇق

ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە :

 جاۋابكار  ھۆ  XXئايال،ئۇيغۇر،1995-يىلى **-ئاينىڭ**-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********1995652122 ،نۇپوسى تۇرۇشلۇق ئادرىسى:**** ناھىيە  **** بازار ****- گۇرۇپپا***- نۇمۇرلۇق قورو .تۇرۇشلۇق ئادرىسى:تۇرپان شەھەر ****رايون**** يېزا **** كەنتى***-گۇرۇپپا****-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق،سىياسى قىياپىتى :ئامما،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە،دېھقان،2012- يىلى ئوغۇرلۇق جىنايىتى سادىر قىلغانلىغى ئۈچۈن پىچان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ  (2012) 99- نۇمۇرلۇق جىنايى ئىشلار ھۈكۈمنامىسى ئارقىلىق مۇددەتلىك 1 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ 2 يىل كېچىكتۈرۈش، قۇشۇمچە 500 يۈەن جەرىمانە قۇيۇش ھۈكۈم قىلىنغان ، پىچان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى 2013- يىلى 7- ئاينىڭ 23- كۈنى (2013) 4- نۇمۇرلۇق جىنايى ئىشلار كېسىمنامىسى ئارقىلىق ھۆ XX ئۈستىن چىقارغان يۇقارقى ھۈكۈمدىكى جازا كېچىكتۈرۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ  جازانى ئەمىلى ئىجرا قىلىش كېسىم قىلىنغان.جىنايەت گۇماندارى ھۆ XX 2012- يىلى 9- ئاينىڭ 12- كۈنىدىن 10- ئاينىڭ 29- كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا يەنە 3 قېتىم ئوغۇرلۇق جىنايىتى سادىر قىلغان ۋە 2013- يىلى 4- ئاينىڭ 6- كۈنى قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلغانلىغى ئۈچۈن 2014- يىلى 2- ئاينىڭ 10- كۈنى پىچان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە مۇددەتلىك 10 ئايلىق قاماق جازاسى  بېرىپ قۇشۇمچە 1000 يۈەن جەرىمانە قۇيۇش، قاتناش ھادىسىسى جىنايىتىگە مۇددەتلىك 1 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، ئىلگىركى مۇددەتتلىك 1 يىللىق قاماق جازاسى قۇشۇمچە 500 يۈەن جەرىمانە قۇشۇپ جازالاپ  ،مۇددەتلىك ئىككى يىل ئالتە ئاي قاماق جازاسى ۋە قۇشۇمچە 1500 يۈەن جەرىمانە قۇيۇش ھۈكۈم قىلىنىپ،جازا ئىجرا قىلىش جەريانىدا 5 ئاي كەچرۈم ئېلىپ ، 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى جازا مۇددىتى توشۇپ قۇيۇپ بىرىلگەن.بۇ قېتىم يەنە   ئوغۇرلۇق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۇچۇن 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۇنى ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى  تەرىپىدىن جىنايى  ئىشلار  بۇيىچە توختىتىپ  قويۇلۇپ مەھكىمىمىزنىڭ (2019) 427- نۇمۇرلۇق  قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش قارارنامىسىغا ئاساسەن2019- يىلى 12- ئاينىڭ 6- كۈنى ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى تەرپىدىن  قانۇن بۇيىچە قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان .

ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار  ھۆ  XXنىڭ ئوغۇرلۇق  دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى ت ش ئى ر ج خ ئە (2020)35-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن،دىلونى قانۇن بۇيىچە بىر قېتىم تۇلۇقلاپ ت5ەھقىقلەشكە قايتۇرۇپ ۋە بىر قېتىم دىلونىڭ سۈرۈگىنى 15 كۈن ئۇزارتىپ ، جاۋابكارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىپ كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش بەلگىلىمىسىنى قوللانسا كېلىپ چىقىدىغان قانۇنىي ئاقىۋەتلەرنى ئۇقتۇرۇپ  جاۋاپكار  ھۆ  XX بىلەن دىجۈرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ ۋە ئۇنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.

 مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن جىنايى پاكىتلار  تۆۋەندىكىچە : 

جاۋاپكار ھۆ  XX  2019-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۇنى چۈشتىن كىيىن شىنجاڭ ۋاقتى سائەت3:30 لەر بىلەن ئۆزى يالغۇز ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە تۇرپان شەھەر *** رايون **** يېزا **** كەنتى ****-گۇرۇپپىدىكى غا****نىڭ ئۆيىدە ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلنىپ كىچىك تۆمۈر دەرۋازىنىڭ ئۈستىدىن ئارتىلىپ ھويلىغا چۈشكەندىن كىيىن ئۆينىڭ دەرىزىسىدىن ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى غا****نىڭ 3446.4 يۈەن قىممىتىدىكى  10.77 گىرام سېرىق ئالتۇن جابدۇقىنى(بىردانە  سېرىق ئالتۇن زەنجىر ۋە ئۇنىڭ بىر تال بۇلاپكىسى،بىر تال قىزىل كۆزلۈك يەككە پاي سېرىق ئالتۇن ھالقا) ئوغۇرلاپ چىقىپ  سېتىپ خەجلەش مەقسىتىدە ئۆزىنىڭ پىچان ناھىيسىدىكى ئۇيىگە ئاپىرىپ يۇشۇرۇپ قويغان.

دىلو پاش بولغاندىن كىيىن ھارام  مال تۇلۇق يىغىۋېلىنىپ زىيانلانغۇچىغا قايتۇرۇلغان . 

يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن:يازما ئىسپاتلار،زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇم قىلىش خاتىرىسى ۋە بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى،مال باھا ئىدارىسىنىڭ باھالاش يەكۈنى، نەق مەيدان كۆزىتىتش ئاپاراتىغا ئېلىنغان سىن دېسكىسى  ،تۇتۇپ قالغان ۋە قايتۇرۇلغان ماددى بۇيۇملار تىزىملىگى  قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ كىلىش مەنبەسى قانۇنلۇق، مەزمونى ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن، راس بۇلۇپ، ئەيىبلەنگەن قىلمىشنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك، جاۋاپكار ھۆ XXنىڭ ئەيىبلەنگەن پاكىت بىلەن دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇيدۇ، جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار ھۆ XXنىڭ دۆلىتىمىز قانونلىرىنى كۆزگە ئىلماي، باشقىلارنىڭ ئۈيىگە كىرىپ مال- مۈلكىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تولۇق. جاۋابكارنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى» 264-ماددىسى ۋە 67- ماددا 3- تارماقنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جازالاش كېرەك. دىلو پاش بولغاندىن كېيىن جاۋابكار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، جىنايىتىنى تونىغان بولۇپ، باشقا ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارمىغان،ھارام مال زىيانلانغۇچىغا تۇلۇق قايتۇرۇلغان ، قانون بويىچە يېنىك ۋە يېنىكلىتىپ جازالاشقا بولىدۇ. شۇڭا، جاۋاپكارغا 6 ئايدىن يۇقىرى 8 ئايدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىش، قوشۇمچە شىتراف قويۇش تەكلىپى بېرىمىز. شۇڭا، جاۋابكارنى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى›› 176- ماددىسىنىڭ  بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانون بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن :

                                       تەپتىش :مېھرىگۈل مۆمۈن                     

                                   2020-يىلى 5-ئاينىڭ  14-كۈنى

قوشۇمچە :

1. جاۋابكارھۆ XX ئىدىقۇت رايونلۇق ج خ ئىدارىسىنىڭ قاماقخانىسىدا سۇلاقتا.

2. دىلونىڭ ج خ ئارخىبى 2 توپلام، تەپتىش ئارخىبى 1 توپلام، ئەيىبنامىسى 8 نۇسخا ، تۆۋىنامە 1 نۇسخا , ,نەق مەيداندىكى كۈزىتىش ئاپاراتىغا ئېلىنغان ئۇن-سىن دېسكىسى بىر دانە، سوراق جەريانىدىكى ماس قەدەملىك ئۇن-سىن دېسكىسى بىر دانە بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top