شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش [2020] 667-نومۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ھۇxx ( ھۇxx )، ئەر، ئۇيغۇر، 52 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 6529281967xxxxxxxx، يۇرتى : ئاۋات ناھىيىسى، توختىتىپ قۇيۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ ۋىلايەت xx ناھىيەxx بازار xx كەنىتى xx-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، ساۋاتىسىز، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچلىق ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تېرىلغۇ يەر ( ئورمان يېرى ) نى قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلىككە بىرىلگەن. 2019-يىل 11-ئاينىڭ 8-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلىككە بىرىلگەن .
ئـاقسـۇ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ج خ ئىدارىسى مەزكـۇر دىلـونى تەھـقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى (2018) 13-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاقسۇ شۆبىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان بۇلۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاقسۇ شۆبىسى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ مەزكۇر دىلونى 2019-يىل 3-ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشگە يوللىغان . مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقى بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى. دىلونى 2019-يىل 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، 2019-يىل 11-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىككى قېتىم تۇللۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرۇپ ھازىر بۇ دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى .
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار ھۇxx 2011-يىل 7-ئايدا xx ناھىيەxx دەرياسى قىرغىقى سۆگەت توقاي تەبئىي توغراق ئورمان مۇھاپىزەت رايونى دائىرىسى 59-چوڭ ئوچاستىكا 2-كىچىك ئۇچاستىكا يىكەنكۆل بۆلىكى سوپادۆڭ دىگەن يەردىكى مۇداپىيە ئورمان يېرىدىن جەمئىي 97.6 مو يەرنى قانۇنسىز ئېچىپ 2018-يىلغىچە تېرىپ پايدىلانغان .
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋاپكار ھۇxxىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 342-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق. تېرىلغۇ يەرنى قانۇنىسىز ئىگەللىۋېلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك . جاۋابكار ھۇxxنىڭ قىلىمىشى يەنە «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن . شۇڭا جاۋابكار ھۇxxنى تېرىلغۇ يەرنى قانۇنىسىز ئىگەللىۋېلىش جىنايىتى بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 342-ماددا ، 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جازا بېرىشكە تېگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىپلىدۇق.
تەپتىش : ھۈسەنجان موللىمىن
تەپتىش : ئېرپانجان ھامۇت
2020-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى
ئىزاھات :
1. جاۋاپكار ھۇxx ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە . ئالاقىلىشىش تىلفۇن نۇمۇرى : 1307003xxxx ،1869972xxxx
2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە، جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، بىر نۇسخا جىنايىتنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى ۋە بىر توپلام ج خ دېلو ماتىرىيالى بىرگە ئەۋەتىلدى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论