欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(吾某某非法猎捕、杀害珍贵、濒危野生动物案)

2021-09-20 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 

كۇچا ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ك ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش 〔2020〕 916-نومۇرلۇق

 كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

جاۋابكار ئۆx، ئەر ، ئۇيغۇر ، 1964-يىلى **-ئاينىڭ ***-كۈنى تۇغۇلغان ، كىملىك نۇمۇرى : ************ 6529231978، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە ، دېھقان، شىنجاڭ كۇچا شەھرىدىن ، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە ھازىرقى ئولتۇرغى : كۇچا شەھرى***يېزا ***-كەنت ***-نۇمۇرلۇق قورو ، ئىلگىرى جازالانمىغان . 

دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ئەتىۋارلىق ، خەۋىپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز تۇتۇش ۋە ئۆلتۈرۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى كۇچا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بېرىلگەن .  

مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2020〕 326-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق يوللىغان جاۋابكار ئۆxنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن نوقتىلىق قوغدىلدىغان ئەتىۋارلىق ، يوقىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز ئوۋلاش،ئۆلتۈرۈش جىنايى دېلوسىنى 2020-يىلى 9- ئاينىڭ 17-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق ، دېلودىكى بارلىق دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش كۆردۈق ، جاۋابكار مەزكۇر دىلونى ئاددى تەرتىپ بىلەن سوت قىلىشقا  قۇشۇلدى ، يۇقارقى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :

جاۋابكار ئۆx 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى ، كۇچا شەھەر *** يېزا **كەنت رۆجەك تام دىگەن جاينىڭ شىمالى تەرىپىدىكى چاتقاللىق ئىچىدە توشقان ئوۋلاش مەقسىتىدە ، 1دانە توزاق (توشقان چەتمىگى)نى قۇرغان ، 2020-يىلى1-ئاينىڭ14-كۈنى ئۆx توزاقنى يوقلاپ بېرىپ ، ئۈزى قۇرغان توزاققا بىر دانە تارىم توشقىنىنىڭ چۈشۈپ ئۆلۈپ قالغانلىقىنى بايقاپ ، تارىم توشقىنىنىڭ ئۆلىكىنى** يېزا** كەنت رۆجەك تام تەۋەسىدىكى ۋاقىتلىق تۇرالغۇسىغا ئېلىپ كىلىپ ، تارىم توشقىنىنىڭ تېرىسىنى سۇيۇپ ، بېشى ۋە ئىچكى ئەزالىرىنى ئاجىرتىپ ، تېرە ، باش ۋە ئىچكى ئەزالىرىنى ئىتىغا بىرىۋېتىپ ، تارىم توشقىنىنىڭ قالدى قىسمى(گۈشى)نى ئۈزى ۋاقىتلىق تۇرۋاتقان ئۆينىڭ ئىشىك ئارقىسىغا ئېسىپ قويغان . دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى ئورمان جامائەت خەۋىپسىزلىك ئەدلىيلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2020)67-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكرنامىسىدە ، دىلوغا چېتىشلىق بىر دانە ھايۋان دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان تارىم توشقىنى دەپ باھالاپ بېكىتكەن .

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات ، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ، باھالاش پىكرى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى، ئۈن-سىن ماتىرىيالى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .

دىمەك ، جاۋابكار ئۆxنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن دۆلەت تەرىپىدىن نوقتىلىق قوغدىلدىغان ئەتىۋارلىق ، يوقىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز ئوۋلاش، ئۆلتۈرۈش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ ، دېلونىڭ پاكىتى ئوچۇق ، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تولۇق بولۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ ، جاۋاپكارنىڭ بېكىتكەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق ، ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .

مەھكىمىمىز دۆلەتنىڭ ئەتىۋارلىق،يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى نوقتۇلۇق قوغداش تۈزۈمىنىڭ يۈرگۈزۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، جاۋابكار ئۆxنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 341- ماددا 1-تارماق 1-تارماقچىسى، 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق .  

ھۆرمەت بىلەن :

   تەپتىش : ئەنۋەر ئەخمەت

       2020-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى

قوشۇمچە : 

1) جاۋابكار ئۆx ئائىلىسىگە كاپالەتىچىگە بېرىلگەن ھازىر ئائىلىسىدە .

           2) بىر توپلام تەھقىقلەش دېلو ماتېرىيالى، 9 نۇسخا ئەيىبنامە ،جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى ، ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى، جىنايىتىنى تۇنۇپ ، جازانى قۇبۇل قىلىغانلارنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئىتراپنامىسى بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top