欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(吾某盗窃案)(公开版)

2021-09-24 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

شايار ت ج ئە (2020) 91 -نومۇرلۇق

جاۋابكار ئوX، ئەر، ئويغۇر، XX19 -يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXXXX65292419 ، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسگە ئېگە، دېھقان، شايار ناھىيە X بازىرى X كەنىت X-گورۇپپدا ئولتۇرۇشلۇق. 2007-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن ئوغرىلىق جىنايتى بىلەن مۇددەتلىك تۆت يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق جىنايتى بىلەن مۇددەتلىك بىر يىل بىر ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمسى تەرپىدىن ئوغرىلىق جىنايتى بىلەن مۇددەتلىك بىر يىل ئون ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى شايار ناھيلىك خەلق سوت مەھكىمسى تەرپىدىن ئوغرىلىق جىنايتى بىلەن مۇددەتلىك ئىككى يىل ئۈچ ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنپ، 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى جازا مۇددىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بىرىلگەن. بۇ قېتىم ئوغرىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان، ھازىر شايار ناھىيەلىك قاماقخاندا قاماقلىق.

شايار ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار ئوXنىڭ ئوغرىلىق جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 11–ئاينىڭ 10-كۈنى ش ج خ چىقىش (2019) 317-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكار سوراق قىلىندى .

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە : جاۋابكار ئوX 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتە، ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتدە ئۆزى يالغۇز شايار ناھىيە X بازىرى X كەنىت X-گوروپپىدىكى ئوXنىڭ ئۆيگە كىرمەكچى بۇلۇپ، دەرۋازىنىڭ قۇلۇپنى قايرىۋاتقاندا، ھويلىدا ئادەم بارلىقنى بايقاپ، تۇتۇلۇپ قېلىشتىن قورقۇپ باشقا ئۆيگە كىرمەكچى بۇلۇپ، شۇ ئەتراپتىكى قوناقلىق باغ ئارقىلىق 4-گوروپپىدا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى تXنىڭ ھويلىسغا كىرىپ، ھويلىدىكى بولقا بىلەن ئۆينىڭ قۇلۇپسنى قايرىپ ئېچىپ، ئۆي ئىچىگە كىرىپ زىيانلانغۇچى تXنىڭ ئۆيىدىن 400 يۈەن نەق پۇل ۋە 2 يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە زەنجىر شەكىلىك تەقلىدى بىلەيزۈكنى ئېلىپ، كەينى باغ ئارقىلىق چىقىپ كىتۋاتقاندا، شۇ كەنىتلىك ئوسX تەرىپىدىن بايقىلىپ قېلىپ، نەق مەيداندا قولغا چۈشكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچى تXنىڭ زىيىنى تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

يۇقارقى پاكىتنى ماددى ئىسپات، يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋابكار ئوXنىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، باشقىلارنىڭ تۇرالغۇسىغا كىرىپ باشقىلارنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى مال-مۈلكىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈككە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئېگە قىلىش ئۈچۈن، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 65-ماددا، 67-ماددا 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جاۋابكار ئوXنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن ئەيىپلىدۇق، قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن :

شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

2020-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top