欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(哈某某危险驾驶案件)

2021-09-22 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا ش ت ئەيىبلەش (2019) 2659-نۇمۇرلۇق

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋاپكار خ X X ، ئەر، ئۇيغۇر، X X ياش، كىملىك نۇمۇرى: 652901XXXXXXXX، تۇلۇقسز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھەر، ئاقسۇ شەھەر X X يېزا X X كەنىت X X - گۇرۇپ X X - نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىشچى، ئىلگىرى جازالانمغان. 2019– يىلى 5– ئاينىڭ 25– كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەرىپىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن.

ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2019- يىلى 7- ئاينىڭ 20-كۈنى (2019) 781- نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى، مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ھوقۇق-مەجبۇريەتلىرى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى، ۋە قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

2019- يىلى 5- ئاينىڭ 22- كۈنى سائەت 3:30 لەر ئەتراپىدا، جاۋاپكار خ X X ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ئاقسۇ شەھەر X X بازار گاز قاچىلاش پونكىتىنىڭ قارشى تەرپىگە توختىتىپ قويغان نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتىنى پىراۋىسىز ھەيدەپ، ئاقسۇ شەھەر X X بازار X X - كەنىت X X - گۇرۇپقا كەلگەندە شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان ساقچىلار تەكشۈرۈش جەريانىدا، جاۋاپكار خ X X نى ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ، قېنىنى ئېلىپ تەكشۈرگەندە ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارى 133.26 مىللىگىرام (133.26mg/100ml) بۇلۇپ، مەسىت ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرىنامىسى، ئېنىقلاش - تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋابكار خ X X نىڭ يۇقارقى قىلىمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133- ماددا 1- مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تۇلۇق، خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، جاۋابكار خ X X قىلمىشىنى ئەيىنەن ئىقرار قىلىدى، بىكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتراپ قىلىدى ھەم جازاغا قايىل بولدى، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133- ماددا 1- مەزمۇن بەلگىلىمىسى بۇيىچە جاۋابكار خ X X نىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتىگە 1 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە 4000 يۈەن شىتىراف قۇيۇش مۇۋاپىق دەپ قاراپ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15- ماددا، 176- ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.

تەپتىش : ئې X X

تەپتىش : ئا X X

2019- يىلى 9- ئاينىڭ 2- كۈنى

ئىزاھات:

(1) جاۋاپكار ئائىلىسىدە كىپىلدە. ئالاقىلىشش تېلفۇن نۇمۇرى 130XXXXXXXXX

(2) 8 نۇسخا ئەيىپنامە، جىنايەتنى تۇنۇپ جازا قايىل بۇلۇش تىل خېتى ۋە بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top