欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(哈某某危险驾驶案)

2021-09-19 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئىدىقۇت رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 

ئەيىپنامىسى

ئى ر ت ئە چىقىش (2020) 6 -نۇمۇرلۇق   

ئىدىقۇت رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋاپكار خاXX، ئەر، ئۇيغۇر، 1988- يىلى **- ئاينىڭ**-كۈنى توغۇلغان، كىملىك نومۇرى********8865210119، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئىدىقۇت رايۇنى**** يېزا **** كەنت **-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قارىلىپ 2019-يىلى6- ئاينىڭ 12- كۈنى ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بېرىلگەن.

ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار خاXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 18كۈنى (2019)***-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىپ كەڭچىلىك بىلەن بىر- تەرەپ قىلىش بەلگۈلىمىسىنىى قوللانسا كېلىپ  چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتلەرنى ئۇقتۇرۇپ ۋە ئۇنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، جاۋاپكار خاXX  بىلەن دۈجۈرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ  ۋە ئۇنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.

مەھكىممىز قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىكىتكەن جىنايى پاكىتلار تۈۋەندىكىچە:

جاۋاپكار خاXX 2019-يىلى 3- ئاينىڭ 25  -كۈنى سائەت 02 دىن 00 مىنۇت ئۆتكەندە ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە 新KB**** نۇمۇرلۇق ماشىنىنى ئىدىقۇت رايۇنى خويەنسەن يولىنى بويلاپ جەنۇپتىن شىمالغا قاراپ ھەيدەپ كىتىۋاتقاندا، يول ئوتتۇرىسىدىكى ئايرىش رىشاتكىسىغا سوقۇۋالغان، قاتناش ۋاستىسى ۋە يول ئايرىش رىشاتكىسى بۇزۇلۇشتەك تاق تەرەپلىك قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن.

شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2019] ****-نۇمۇرلۇق قان تەركىبى ئانالىز دوكلاتىدا خاXXنىڭ ھەر 100مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقى تەركىبىدە163 مىللىگىرام ئېتىل ئالكوھول بايقالدى دىيىلگەن.

يۇقارقى پاكىتنى  جاۋاپكارنىڭ ئىخرارى  ، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق ماتىرياللىرى، شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليىلىك باھالاش  مەرگىزىنىڭ باھالاش پىكىرى ،جاۋاپكاردىن قان ئالغاندىكى  سۈرەت ،قاتارلىقلار ئىسپاتلايدۇ. بۇ  دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ  كىلىش مەنبەسى قانۇنلۇق، مەزمونى ئەمىليەتكە ئۇيغۇن ، راس بۇلۇپ، ئەيىپلەنگەن  قىلمىشنى ئىسپاتلاشقا  يېتەرلىك، جاۋاپكار خاXXنىڭ ئەيىپلەنگەن پاكىت بىلەن دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇيدۇ، جازانى قۇبۇل   قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارشىچە: جاۋابكار خاXXنىڭ دۆلىتىمىز قانونلىرىنى كۆزگە ئىلماي، ھاراق ئىچكەندىن كېيىن مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى يولدا ھەيدەپ ماڭغان قىلمىشىدىن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تولۇق. جاۋابكارنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى» 133-ماددىسى بىر مەزمونىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جازالاش كېرەك. دىلو پاش بولغاندىن كېيىن جاۋابكار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، جىنايىتىنى تونىغان بۇلۇپ، باشقا ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارمىغان، قانون بۇيىچە يېنىك ۋە يېنىكلىتىپ جازالاشقا بولىدۇ. شۇڭا ، جاۋاپكار خاXXغا 1 ئايدىن يۇقىرى 2 ئايدىن تۈۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىش،جازانى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش، قوشۇمچە شىتراف قويۇش تەكلىۋى بېرىمىز . شۇڭا، جاۋابكار خاXXنى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى›› 176- ماددىسىنىڭ  بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانون بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

  ھۆرمەت بىلەن:

تەپتىش : مېھرىگۈل مۆمۈن

                         2020-يىلى1 -ئاينىڭ 6 -كۈنى

قۇشۇمچە:

1.بۇ دىلۇ  3 توپلام     بەت

2.جاۋاپكار خاXX كىپىللىكە بېرىلگەن بۇلۇپ، ھازىر كىپىلدە .

3. دىلو بىلەن بىرگە 8 نۇسخا ئەيىپنامە، تۆۋىنامە  1 نۇسخا  بىرگە يوللاندى .

  

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top