توقسۇن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
توقسۇن تەپتىش 1- بولۇم ئەيىپلەش [2020] 246-نومۇرلۇق
توقسۇن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار خ**، ئەر، ئۇيغۇر،****-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 2013********652123 ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ،كەسپى: **، سىياسى قىياپىتى: ئامما، نوپوسقا ئېلىنغان جايى ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ** ناھىيە ** بازار ** كەنت *-گۇرۇپپا **-نۇمۇر، 2020-يىلى 02-ئاينىڭ 28-كۈنى زەھەرلىك چېكىملىك(نەشە) چېكىش قىلمىشى بىلەن ئىلانلىق ساقچىخانا تەرىپىدىن 15 كۈن مەمۇرى جەھەتتىن توختۇتۇپ قويۇلغان.
جاۋاپكار خ** ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى توقسۇن ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قانۇن بۇيىچە قولغا ئېلىنغان، ھازىر توقسۇن ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقتا.
توقسۇن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋاپكار خ**نىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 12–ئاينىڭ 20-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان،مەھكىمىمىز دېلو ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن،جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ،قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق،جاۋاپكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋاپكار دېلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىشقا قوشۇلدى.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن دېلو پاكىتى
1.2020-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى جاۋاپكار خ** ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىش مەقسىتىدە** ناھىيە ** ئىدارىسى ئاھاللىكلەر قورۇسىدا ئولتۇرۇشلۇق ش**كە ئۆزى ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۋاتقان خ** نامىدىكى ** ئولتۇراق رايونى *-رايون*-بىنا*-كورپوس***-ئۆينى سېتىپ بېرىمەن دەپ5 تۈمەن يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلۋالغان.زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى ش** ئۆينىڭ خ**نىڭ ئۆيى ئەمەسلىكىنى بىلگەندىن كېيىن 3 تۈمەن يۈەن ئەسلىگە كەلگەن،دىلو پاش بولغاندىن كېيىن قالغان زىيان ئەسلىگە كەلمىدى.
2.2020-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى جاۋاپكار خ** ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىش مەقسىتىدە** يېزا ** كەنىتتە ئولتۇرۇشلۇق پ**غا ئۆزى ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۋاتقان خ** نامىدىكى**ئولتۇراق رايونى *-رايون*-بىنا*-كورپوس***-ئۆينى سېتىپ بېرىمەن دەپ43000 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلۋالغان.زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى پ** ئۆينىڭ خ**نىڭ ئۆيى ئەمەسلىكىنى بىلگەندىن كېيىن 2تۈمەن يۈەننى قايتۇرىۋالغان،دىلو پاش بولغاندىن كېيىن قالغان زىيان ئەسلىگە كەلمىدى.
3.2020-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى،جاۋاپكار خ**ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىش مەقسىتىدە،**ناھىيە** بازار** كەنىتتە ئولتۇرۇشلۇق ئا**كە، ئۆزى ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۋاتقان خ** نامىدىكى** ئولتۇراق رايونى *-رايون *-بىنا *-كورپوس ***-ئۆينى سېتىپ بېرىمەن دەپ 108200 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلۋالغان. دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىدى.
جاۋاپكار خ** جەمئىي 3 قېتىم ئالدامچىلىق قىلىپ، 3 ئادەمنىڭ 201200يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان بولۇپ، بۇنىڭدىن 6تۈمەن يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلگەن، 151200يۈەن ئەسلىگە كەلمىگەن.
يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن:
1.يازما ئىسپات؛
2.جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
3.گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛
4.زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى؛
5.تۇنۇتۇش خاتىرىسى ۋە سۆرەتلەر؛
6.ئۈندىداردا پۇل يۆتكەش خاتىرىسى؛
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيىكتىپ ھەقىقىي، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار خ**نىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار خ**نىڭ يۇقارقى قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ،دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق ھەم راست بولۇپ،جاۋاپكار خ**نى ئالدامچىلىق جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك. جاۋابكار جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى »نىڭ 15-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىنى تەدبىقلاشقا تىگىشلىك.
شۇڭا، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بۇيىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش:رەيھانگۈل كېرەم
2020-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى
قۇشۇمچە:
1.جاۋاپكار خ** ھازىر توقسۇن ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقتا.
2.دىلو ج خ توپلىمى ئىككى توپلام، تەپتىش توپلام بىر توپلام بىرگە يوللاندى.
3.«جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى » 1 نۇسخا بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论