欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(喀某某危险驾驶案)(公开版)

2021-09-23 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

شايار ت ج ئە چىقىش (2020) 245-نومۇرلۇق

جاۋابكار قاXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX19-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 1014XXXXXX65292419، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋەىيىسىگە ئىگە، دېھقان، شايار ناھىيە XX بازىرى XX كەنىت XX-گوروپپىدا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپىسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى بىر تەرەپ قىلغۇچە كېپىلگە بىرىلگەن.

شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار قاXXنىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى شايار ج خ چىقىش (2019) 215-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بار بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا قارتا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋابكار قاXX 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 17:00 لار ئەتىراپىدا، شايار ناھىيە XX بازىرى XX كەنىت XX-گوروپپا تەۋەسىدىكى چىلانلىق باغقا بېرىپ، دوستى ئەXX، ئXXلار بىلەن بىرگە ئاق ھاراق ئىچىكەن، كىيىن يەنە شۇ كەنىتنىڭ 4-گوروپپىسىدىكى ئوXXنىڭ ئېتىزلىقىغا بېرىپ داۋاملىق ئاق ھاراق ئىچىپ مەسىت بۇلغاندىن كىيىن ئەتىسى سەھەر سائەت 3:00 لەر ئەتىراپىدا ئۆيگە قايتىپ ئارام ئالغان. 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەر سائەت 6:00 لەر بولغاندا ئورنىدىن تۇرۇپ، شايار ناھىيە شايار بازىرىدىكى خىزمەت ئورنىغا بېرىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ 新NXXXXX نومۇرلۇق نومۇر تاختىيىنى ئورنىتۋالغان ئىككى چاقلىق موتسكىلىتىنى پىراۋىسىز مەست ھالەتتە ھەيدەپ ئۆلكە يۇلى 211-لىنىيە يۇلىدە شىمالدىن جەنۇپ تەرەپكە قاراپ مېڭىپ، ئۆلكە يۇلى 211-لىنىيە 18 كىلومىتىر +400 مىتىرلىق يول بۆلىكىدە 66km/h سۈرەتتە كىتىۋاتقاندا، موتسكىلىتنى كونتىرول قىلالماي يول ياققىسىدىكى نۇر قايتۇرغۇچ تۆمۈر قۇزۇققا سۇقۇلۇپ ھادىسە سادىر قىلغان. باھالاش ئارقىلىق جاۋابكار قاXXنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قېنىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 176 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتى مەزكۇر ھادىسىگە قارتا «يول قاتناش ھادىسە ئېتىراپنامىسى» چىقىرىپ «قاXX ھادىسدە تۇلۇق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ» دەپ بىكىتكەن.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تۇلۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولغان.

مەھكىمىمىز جاۋابكار قاXXنىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەسىت ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ۋە تۇلۇق، جاۋابكار تەھقىقلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرغان، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغان، جامائەت خەۋىپسىزلىگىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن 1-تارمىقىنىڭ (2) تارماقچىسى، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-، 176-، 222-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، مەھكىمىڭىزلارنىڭ مەزكۇر دېلونى تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىش ۋە جاۋابكار قاXXنىڭ قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى، پىراۋىسىز موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكى، ھادىسە سادىر قىلىپ تۇلۇق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغانلىقى، جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۈچ ئاي 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە 7000 يۈەن شىتىراف قۇيۇشقا ھۆكۈم قىلىش توغىرسىدا تەكلىپ بىرىمىز ھەمدە قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش: XX

تەپتىش: XX

2020-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى

قۇشۇمچە: 1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا دەلىل ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، بىر توپلام تەھىقىقلەش دېلو ئارخبى (98 بەت) بىرگە يوللاندى.

2) جاۋابكار كېىپىلگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە بار.

3) جاۋاپكارنىڭ «جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بۇلۇش تۆۋەنامىسى» دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top