شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۇلۇم ئەيىپلەش (2020)272– نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ك**، ئەر، ئويغۇر، ** ياش (**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان) كىملىك نومۇرى: 3014 **652925 ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دېھقان، ماسسا، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادىرىسى: ** ناھىيە ** يېزا ** كەنت 2-گوروپ، ھازىرقى ئادىرىسى: ** ناھىيە ** بازار ** كەنت **-گوروپ **-نۇمۇر، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
جاۋابكار ك**نىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تۇقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 145-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكارغا جىنايەتنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق. دېلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرىنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك پاكىتلار ئېنىقلاندى:
جاۋاپكار ك** 2020-يىل 4-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 18:00 ئۆتكەن ئەتىراپتا توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازار مەنزىرە كۆل رايۇنى گۇگۇم تائاملار شەھەرچىسىدە دوستى ئە**نىڭ تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىدە ئاق ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، سائەت 23:40 ئۆتكەن ئەتىراپتا گۇگۇم تائاملار شەھەرچىسىدىن چىقىپ دوستى ئې**كە تېلفۇن قىلىپ ئېلىپ كېتىشنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئې** 新NE3E93 نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېلىپ گۇگۇم تائاملار شەھەرچىسىنىڭ ئالدىدىكى ماشىنا توختىتۇش مەيدانىغا توختىتىپ قويۇپ، جاۋاپكار ك**نى 新NE3E93 نۇمۇرلۇق ماشىنىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويغاندىن كېيىن، گۇگۇم تائاملار شەھەرچىسىنىڭ خوجايىنى بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرغاندا، جاۋاپكار ك** 新NE3E93 نۇمۇرلۇق ماشىننى پىراۋىسىز ھەيدەپ ئارقىغا ياندۇرغان، شۇ ئەتىراپتا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى چارلاش ساقچى چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىللىرى 新NE3E93 نۇمۇرلۇق ماشننى تەكشۈرۈش جەريانىدا، جاۋاپكار ك**نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسنى ھاراق ئىچىپ ھەيدىگەنلىك گۇمانى بولغانلىقى ئۈچۈن نەق مەيداندا دەلىل-ئىسپات ئالغاندىن كېيىن، توقسۇ ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2020) 1493-نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاش پىكىرنامىسىدە ك**نىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 224 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاشنامە، ئۈن-سىن ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. يۇقارقى پاكىتلارنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تۇلۇق بۇلۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ. جاۋاپكار ئەيىپلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارتا پىكرىنىڭ يۇقلىقىنى، جىنايەتنى تۇنۇيدىغانلىقىنى، جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئۇتتۇرغا قۇيدى.
مەھكىممىز، جاۋابكار ك**نىڭ مەس ھالەتتە پىراۋىسىز ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا، 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسى بۇيچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۇرۇشتۇرۇشكە تىگىشلىك. جاۋابكارغا 5 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، 10000 يۇەن شىتراپ جازاسى بىرىشكە تەكلىپ بىرىمىز. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلمىسى ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
مۇئاۋىن باش تەپتىش : ئۆمەر ئەمەت
تەپتىش : مۇنىرە ئېلى
2020-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى
قۇشۇمچە : ① جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە ② بىر توپلام ج خ دىلو ماتىريالى، 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论