欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(喀某某盗窃案)(自然人犯罪案件)(公开版)

2021-09-20 尘埃 评论0

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ

  ئەيىبنامىسى

ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2019) 3445-نومۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار قا xx، ئەر، ئۇيغۇر، x-يىلى xئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى x، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن، ئۇچتۇرپان ناھىيە x يېزا xكەنىت x-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قويۇلۇپ، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى ئارقىلىق قولغا ئېلىنغان.   

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار قا xxنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق، دېلو بىجىرىش سۈرۈكى بىر قېتىم ئۇزارتىلدى.  

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن پاكىت

جاۋابكار قا xx 2019-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرى بىر كۈنى كىچىسى ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە x يېزا x-كەنىت x- مەھەللىدىكى زىيانلانغۇچى نيxنىڭ ئۆيىگە ئوغرىلىققا كىرىپ قوي قوتىنى ئىچىدىكى بىر دانە خوراز، بىر دانە مىكىياننى ئوغراىلىغان. يەنە شۇ كۈنى كىچىسى x يېزا x-كەنىت x مەھەللىدىكى زىيانلانغۇچى كېxنىڭ ئۈيىگە ئوغرىلىققا كىرىپ قوي قوتىنىدىن بىر دانە مىكىيان، بىر دانە خوراز، 10 دانە كەپتەرنى ئوغرىلىغان.  

جاۋابكار قا xx 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى كېچە 01:00 ئەتراپىدا x يېزا x- كەنىت x- مەھەللىدىكى زىيانلانغۇچى سەxنىڭ ئۆيىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئاستىدىن ھويلىغا كىرىپ قۇتان ئىچىدىن يەتتە دانە كەپتەر، بىر دانە مەكيان توخۇ ۋە سەككىز دانە چۆجىنى ئوغرىلىغان.  يەنە شۇ كۈنى سائەت  02:00 ئەتراپىدا x يېزا x- كەنىت x- مەھەللىدىكى زىيانلانغۇچى ئېxنىڭ ئۆيىگە ئوغرىلىققا كىرىپ ھويلىسدىن بىردانە چەينەك، بىر دانە قول ھەرە، بىر دانە قايچا، بىر دانە رادىئو، بىر دانە ئامبۇر، ئىككى دانە پىچاق، بىر دانە فىيكى ماركىلىق ساقال ئېلىش ماشىنىسىنى ئوغرىلىغان. 

جاۋابكار قا xx 2019- يىلى 9- ئاينىڭ 5- كۈنى سائەت 14:00 ئەتراپىدا، x يېزا x- كەنىت x- مەھەللىدىكى زىيانلانغۇچى رۇxنىڭ ئۆينىىڭ دېرىزىسى ئارقىلىق ئۈي ئىچىگە كىرىپ ئىككى دانە يان تېلفۇن ، بىر دانە توك ساقلىغۇچ، تۆت دانە پىچاق،  بىر دانە چادو، بىر دانە ئىلىكتىرونلۇق تىل ئۆگۈنۈش ئەسۋابى، ئىككى دانە قول چىراق، بىر دانە داغمال، بىر دانە ئامبۇر، ئىككى دانە كىچىك قايچا، ئىككى دانە بىلەي، ئۈچ دانە كۇلۇچ، ئىككى دانە ئەتىركە، ئىككى دانە بىگىز، ئىككى دانە باتارىيە، بىر دانە ساقال ئالغۇچ ۋە بىر قاپ ساقال ئالغۇچنىڭ تىغى، بىر دانە لومپا ئەينەك، بىر دانە رادىئۇ، سەككىز دانە پىلاستىنكىسى، بىر دانە پورتمال، بىر دانە قول ھەرىسى، بىر دانە تاماق قاچىسى، ئىككى جۈپ پىتەك، ئالتە دانە بىر قېتىم ئىشلىتىدىغان چاش سۇپۇنى، بىر دانە ئارقاننى ئوغرىلىغان. 

جاۋابكار قا xx 2019- يىلى 9- ئاينىڭ 6- كۈنى سائەت 15:00 ئەتراپىدا x يېزا x- كەنىت x- مەھەللىدىكى زىيانلانغۇچى ئاxىڭ ئۆيىنىڭ كەينىدىكى كىچىك دەرىزىدىن ئۆي ئىچىگە كىرىپ 300 يۈەن نەق پۇل، بىر دانە ساقال ئېلىش ماشىنىسى، بىر دانە ئاق رەڭلىك توك ساقلىغۇچ، ئىككى قۇتا چاچ يۇيۇش سۇيۇقلىقىنى ئوغرىلىغان. 

ئۇچتۇرپان ناھيىلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتىتى باھادا ئىسپات بىرىش ئىدارسى جاۋابكار قا xx ئوغۇرلىغان يۇقارقى مال- مۈلۈكنىڭ قىممىتىنى 1767 يۈەن دەپ بىكىتكەن. 

جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار قا xxنىڭ باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى تۇيدۇرماي ئىلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىغا خىلاپ بولۇپ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى. 

    

تەپتىش: ئىبرايىم مۇتەللىپ  

پۈتۈكچى : ئابدۇرۇسۇل ۋېلى 

2019-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى

ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دېلوسى يوللاندى.

(2) جاۋابكار ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك قاماقخانىدا قاماقلىق .   

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top