شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئاقسۇ ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 115-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
1.جاۋاپكار قاXX، ئەر، ئۇيغۇر، 29 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 65290119890XXXXXXXX، يۇرتى ئاقسۇ شەھەر، توختۇتۇپ قويۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر XX يېزا XX كەنت XXگۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، مۇقىم كەسپى يوق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن XX ئۆلكىسى XX شەھىرى XX رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 4 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى جازا مۇددىتى تۇشۇپ قويۇپ بىرىلگەن. 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۆتگۈزگەنلىكى ئۈچۈن مۇددەتلىك 1 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى جازا مۇددىتى تۇشۇپ قويۇپ بىرىلگەن. 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلۇپ شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستقى بىلەن قولغا ئېلىنغان.
2.جاۋاپكار ئەXX، ئەر، ئۇيغۇر، 20 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 6529011999XXXXXXXX، يۇرتى ئاقسۇ شەھىرى، توختۇتۇپ قويۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر XX يېزا XX كەنت XXگۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، مۇقىم كەسپى يوق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلۇپ، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ قولغا ئېلىشنى تەستىقلىماسلىق قارار بۇيىچە قويۇپ بىرىلىپ 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى كىپلگە بىرىلگەن .
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2019-يىلى11-ئاينىڭ 10-كۈنى(2019) 1373-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى،مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكارلاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :
1. 2019 -يىلى 07-ئاينىڭ 12-كۇنى 20:00 لەر ئەتىراپى جاۋاپكار قاXX ئەXX ئىككىسى بىرلىشىپ زىيانلانغۇچى ئاXXنىڭ ئاقسۇ شەھەر XX دوخمۇشىغا توختۇتۇپ قويغان 2658يۈەن قىمتىدىكى ئىككى چاقلىق، كۇل رەڭلىك ئوۋجىڭ (奥征) ماركىلىق توكسىكىلىتنى ئوغۇرلاپ، ئەتىسى ئاقسۇ شەھەر XX يۇلى XX2-رايۇن XX توكسىكىتلىرنى سىتىش دۇكىنغا 800يۈەنگە سىتۋىتپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن جاۋاپكار ئەمەر ئەمەت زىياننى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.
2. 2019 -يىلى 07 -ئاينىڭ 13-كۇنى 01:00 لەر ئەتىراپى جاۋاپكار قاXX، ئەXX ئىككىسى يەنە ئاقسۇ شەھەر XXدوخمۇشىدىكى توكسىكىلىت ئوغۇرلىغان يەرگە كېلىپ زىيانلانغۇچى ئەXXننىڭ شۇ يەرگە توختۇتۇپ قويغان 2800يۈەن قىمتىدىكى ئىككى چاقلىق، ئاق رەڭلىك، ئەي شۈەي (爱帅) ماركىلىق توكسىكىلىتىنى ئوغۇرلاپ ئېلىپ ماڭغاندا زىيانلانغۇچى ئەXXتەرىپىدىن بايقىلىپ توكسىكىلىت قايتۇرۋىلىنغان.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە بايانى، جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاش پىكرى ، ئېنىقلاش –تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
مەھكىمىمىز جاۋاپكار قاXX، ئەXXىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ-264ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق،دەلىل –ئىسپاتى تولۇق. جاۋاپكار قاXXغا ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ-264ماددا ،65-ماددا ،25-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە ،جاۋاپكار ئەXXكە ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ-264ماددا،25-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جازا بېرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ -176ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق .
تەپتىش : جۈرئەت ئابلەت
تەپتىش :ئايجامال ئابدۇراخمان
2020-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
ئىزاھات :
1) جاۋابكار قاXXا ھازىر ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخاندا قاماقلىق.
2) جاۋاپكار ئەمXX كېپىلگە بېرىلگەن بۇلۇپ ھازىر ئائىلىسىدە
3) 13 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە بىر توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论