乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕X号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020) X-نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار تX ، ئەر، ئۇيغۇر ، X-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:XX ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن،X بازىرى X-كەنىت X-مەھەللە X-نومۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، دىھقان، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەب مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، ئىلگرى جازالانمىغان ، 2019-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن .
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار تXنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ، 2020-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىينكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتىرياللىرى تەكشۈرۈپ چىقىلدى، جاۋابكار تېز كىسىم قىلىش تەرتىپىنى قوللىنىش تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت
جاۋابكار تX X-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى سائەت 21:00 ئەتىراپىدا ئۇچتۇرپان ناھىيە ئX بازىرى X-كەنىت كادىرلىرى ھەم خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن ئX بازىرى X-كەنىت X-مەھەللىدىكى كەچلىك بازاردا كىچىك بوتۇلكىلىق پىۋىدىن بىر بوتولكا، X-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى 00:05 ئەتراپىدا شۇ كەچلىك بازاردا قۇX قاتارلىق بىر نەچچە كىشى بىلەن ئىككى رومكا ئاق ھاراق ئىچىپ، شۇ كەچلىك بازارنىڭ ئالدىغا توخىتىتپ قويغان X نومۇر تاختىلىق ئىككى چاقلىق موتسىكلتنى پىراۋىسىز، مەس ھالەتتە ھەيدەپ ئX بازىرى X-كەنىت X-مەھەللە تەۋەسىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان ئۇچتۇرپان ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش ساخچى چوڭ ئەترەت ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقالغان .
شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى بويۇملىرىنى ئەدىليىلىك باھالاش ئورنى تXنىڭ ھەر100مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرتنىڭ مىقدارى 137.44مىللىگىرام دەپ يەكۈن چىقارغان .
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى ۋە ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار تX مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار تۇXنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش تىرانسىفورىت قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ، پىراۋىسىز، مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولغان، بۇ ھەقتە دىلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كىرەك. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن جاۋابكار جىنايى قىلمىشى ئەينەن تاپشۇرغان، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغان. «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن جاۋابكارغا 2 ئاي 25 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە شىتراپ قۇيۇش تەكلىپىنى بىرىمىز، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: روشەنگۈل شېيىق
پۈتۈكچى: ئامانگۈل تۇردى
-2020يىلى 6 -ئاينىڭ 14-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كاپالەتچىدە ، تىلفۇن نۇمۇرى : XXXXX
(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论