欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(图某某危险驾驶案)

2021-09-20 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

· ئا ش ت ئەيىبلەش ( 2019 )3211-نۇمۇرلۇق

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار تۇxx، ئەر، ئۇيغۇر، 33 ياش، كىملىك نۇمۇرى : 6529271986xxxxxxxx ، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، يۇرتى: xx ناھىيسى، شىنجاڭ ئۇچتۇرپان ناھىيە xx يېزا xx-كەنىت xx-گۇرۇپ xx-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىشچى، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىل 10-ئاينىڭ 10-كۈنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن.

ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋاپكارغا ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى ئۇقتۇرۇپ قانۇن بۇيىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھۇقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇختۇرۇپ قويۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار تۇxx 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 07-كۇنى سائەت 22:30 لەردە ئاقسۇ شەھەر xx خەلىققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتى ئەتىراپىدىكى بىر تاماقخانىدا ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، شۇ كۈنى سائەت 23:27 لەر ئەتراپىدا ئاقسۇ شەھەر xx خەلىققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنىڭ ئەتراپىغا توختۇتۇپ قويغان 新Q5xxxx نۇمۇرلۇق ئۈچ چاقلىق موتسىكىلىتنى ھەيدەپ 200 مىتىردەك ماڭغاندىن كېيىن، شۇ ئەتراپتا چارلاش ئېلىپ بىرۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ قېنىنى ئېلىپ تەكشۈرگەندە، ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 109.83 مىللىگرام بۇلۇپ (109.83mg/100ml) مەس ھالەتتە موتوسىكىلىت ھەيدىگەن.

يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، ئېنىقلاش -تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل - ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋابكار تۇxxنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ -133ماددا بىرىنچى مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تۇللۇق، خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار تۇxxنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ -176ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكار تۇxxنىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايتىگە 1 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ جازاسىنى 2 ئاي كىچىكتۈرۈش، قۇشۇمچە 2 مىڭ يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بېرىش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق، جاۋابكار تۇxxنى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە تىز كېسىم تەرتىپىنى قوللۇنۇپ ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن تەكلىپ بېرىمىز.

تەپتىش: ھۈسەنجان موللىئىمىن

مۇۋاققەت تەپتىش : ئابدۇسالام تۇرسۇن

-2019يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى

ئىزاھات:

1. جاۋابكار تۇxx ئائىلىسىدە كېپىلدە، ئالاقىلىشىش تېلغۇن نۇمۇرى : 1556904xxxx

2.8نۇسخا ئەيىبنامە، جازاغا قايىل بۇلۇش خېتى، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top