欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(图某某危险驾驶案)(公开版)

2021-09-20 独角龙 评论0

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى

ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئو ت ئەيىبلەش - 511 (2020)  نومۇرلۇق

   جاۋابكارتۇXX،ئەر،ئۇيغۇر،1987-يىلى  Xئاينىڭ Xكۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: XXXXXXXX 6529221987    ،ئۇنسۇ ناھىيە X يېزاX كەنىت X-مەھەللە X-قورودا ئولتۇرشلۇق،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دېھقان،ئىلگىرى جازالانمىغان،2020-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۇنسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرتۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن.

   ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،  جاۋاپكارتۇXXنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن  2020-يىلى 8-ئاينىڭ14-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.مەھكىمىمىزجاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلغاندا كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋاپكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دىلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، جاۋاپكار دىلونى تېزسوت قىلىش  تەرتىۋىدە قاراپ چىقىشقا قوشۇلدى .

   قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋاپكارتۇ XX   2020-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 01:45 ئەتراپىدا،مەسىت ھالەتتە 新NXXXXنومۇرلۇق كىچىك تىپلىق ئاپتۇموبىلنى پىراۋىسىز ھەيدەپ،ئۇنسۇ ناھىيە چاغراق يېزا قارادۆۋە كەنت 7-مەھەللە يول بۆلىكىدە كىتىۋاتقاندا ،شۇ يول بۆلىكىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان ئۇنسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى چاغراق ساقچىخانسى خادىملىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان.

جاۋاپكارتۇXXنىڭ قان ئەۋرشكىنسىنى ئەدىلىيىلىك باھالاش يەكۈنىدە، قان تەركىۋىدىكى ئىسپىرىت مىقىدارى 171.11mg/100ml  ئىكەنلىگى ئېنىقلانغان. 

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقراى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىغى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى، باھالاش خۇلاسىسى ، ئۈن-سىن ماتېرىيالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش  جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋاپكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق،ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى  تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ .

   مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ:  

جاۋاپكارتۇXXنىڭ ھاراق ئىچىپ، مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا  بەلگۈلىمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-  تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى   شەكىللىنىدۇ.

    دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست، قانۇن بويىچە جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىدا«يولدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى قوغلۇشۇپ ھەيدەپ، قەبىھ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا ياكى يولدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى مەست ھالەتتە ھەيدىگەنلەرگە تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىلىدۇ، قوشۇمچە ئىشتىراف قويۇلىدۇ»دەپ بەلگىلەنگەن.

جاۋاپكارتۇXXنىڭ جىنايىتىنى تونۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، كېپىللىك مەزگىلىدىكى ئىپادىسى ياخشى، شۇڭا جاۋاپكارغا جازا بەرگەندە«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگۈلىمىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ.        قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،جاۋاپكارتۇXXنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

                        ئونسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

                  تەپتىش: كىرەمجان ئۆمەر

                   پۇتۈكچى:ئىزىزجان ئابلەت 

 - 2020                 يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى

قۇشۇمچە: 8 (1) نۇسخا ئەيىبنامە، 3 نۇسقا جازا ئۆلچەش؛بىر نۇسقا تېزسوت قىلىش تەرتىپىنى قوللىنىش تەكلىپنامسى،بىرنۇسقا «جىنايىتنى تۇنۇپ ،جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى »،بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى  قاتارلىقلار بىرگە يەتكۈزۈلدى.

(2) جاۋاپكار تۇXX ھازىرئائىلىسىدە كېپىلدە

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top