乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕666号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020) 666-نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار تXX، ئەر، ئۇيغۇر، 1971-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نومۇرى: XX 6529271971،ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن، نۇپۇس تۇرۇشلۇق جايى ئۇچتۇرپان ناھىيەXXيېزا 1-كەنىت 3-مەھەللە 036-نۇمۇر، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادىرىسى ئۇچتۇرپان ناھىيە XX بازىرى XX ئاھاللار رايۇنى XX-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان،ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن دەل دەرەخلەرنى كەلسە-كەلمەس كىسىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار تXXنىڭ دەل-دەرەخنى كەلسە كەلمەس كېسىش جىنايىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى10-ئاينىڭ 14-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى، جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرى ئاڭلاپ ئۈتۈلدى.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت
جاۋابكار ت-2020 XX يىلى5-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەXX بازىرى XX-كەنىت 5-مەھەللىدىن رXX، سXX، يXXنىڭ تېرىلغۇ يىرىنىڭ يېنىدىكى شەخسى ئىگدارلىقىدىكى 85 تۈپ دەرەخنى 5900 يۈەنگە سېتىۋالغان، ھەم يۇقارقى دەرەخكە دەرەخ كېسىش ئىجازەتنامىسى بىجىرمىگەنلىكىنى بىلگەن تۇرۇپ ياكى ئۆزى ئورمانچىلىق تارماقلىرىدىن «دەرەخ كېسىش ئىجازەتنامىسى» بىجىرمەي، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ9-كۈنى يۇقارقى 85تۈپ دەرەخ (تېرەك دەرىخى) دىن 65تۈپ دەرەخنى ئۆز ئالدىغا كەسكەن.
باھالاش پىكرىدە « تXX تەرپىدىن كەلسە كەلمەس كېسىلگەن دەرەخ تۈرى: تىرەك دەرىخى، زاپاس مىقدارى 35.998 كۇپ مىتىر، باھاسى8099.5يۈەن» دەپ يەكۈن چىقارغان.
يۇقارقى پاكىتلارماددى ئىسپات، يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ، جاۋابكار تXX يۇقارقى قىلمىىشنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى، ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار تXXنىڭ دۆلەتنىڭ ئورمانچىلىق قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، دەرەخ كېسىش ئىجازەتنامىسى بىجىرىلمىگەن دەل-دەرەخ ئىكەنلىگىنى بىلىپ تۇرۇپ كەسكەن قىلمىشىدىن دەل دەرەخلەرنى كەلسە-كەلمەس كىسىش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 345-ماددا 2-تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكارغا جىنايى جازا ئۆلچىگەندە جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى، تۆۋە قىلىش ئىپادىسىنىڭ بارلىقى، جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن ئىجتىمائى تەسىرى ۋە ئاقىۋىتى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جىنايى جازا بېرىش كېرەك، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
باش تەپتىش: ئەمەر تۇردى
تەپتىش: ئابلەت تۇنياز
2020-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىپنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى، بىر نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسى سوتقا يوللاندى.
(2) جاۋابكار بىرتەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە، تېلىفون نومىرى:133XX
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论