欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(图某某的危险驾驶罪案件)(自然人犯罪案件)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-21 独角龙 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检公诉刑诉〔2019〕3439号 

     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ             ئەيىبنامىسى

ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2019)   -نومۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار تۇxx، ئەر، ئۇيغۇر، 37 ياش، xx-يىلى xx-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى 65292719xx016، ئۇچتۇرپان ناھىيە xx يېزا 2-كەنىت 2-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپىسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن كاپالەتچگە بېرىلگەن. 

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار تۇxxنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. 

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت

جاۋابكار تۇxx 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 21 ئەتراپىدا ئۇچتۇرپان بازىرى تۇمشۇقتاغ دوقمۇشىدىكى بىر ھاراق دۇكىنىدا تۇxx.....قاتارلىقلار بىلەن بىللە  ئاق ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، سائەت 22 ئەتراپىدا دۇكاندىن قايتىپ چىقىپ، ئۈيىگە كىتىش ئۈچۈن شۇ ئەتراپتىكى قاسساپ دۇكاننىڭ ئالدىغا توختىىتپ قويغان ئىككى چاقلىق xx نومۇرلۇق موتسىكلىتىنىڭ ئارقىسىغا قىزىنى مىندۈرۈپ، مەسىت ھالەتتە پىراۋىسىز ھەيدەپ 10 مىتىر ئەتراپىدا ماڭغاندا، شۇ ئەتراپنى چارلاۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن بايقالغان. جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.

شىنجاڭ خواتوڭ قاتناش ھادىسىىسى ماددى بۇيۇملىرىنى ئەدىلىيلىك باھالاش دوكلاتىدا «جاۋابكار تۇxxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 172.30 مىللىگىرام» دەپ يەكۈن چىقارغان.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىغى، باھالاش يەكۈنى ۋە ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار تۇxx مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار تۇxxنىڭ ھاراق ئىچىپ پىراۋىسىز مەسىت ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىدىكى خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكارغا قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى، قاندىكى ئىسپىرىتنىڭ مىقدارى، قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن مۇساپە ۋە ئاقىۋىتى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جازا بىرىش ۋە قۇشۇمچە ئىشتىراپ قۇيۇش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

تەپتىش: مۇقەددەس تۇرسۇن

پۈتۈكچى: ئالىم ئىمامنىياز

2019-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى

ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.

(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە، تىلفۇن نۇمۇرى xx

(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top