欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(图某某的危险驾驶罪案件)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-19 独角龙 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕409号 

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ             ئەيىبنامىسى

ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020)  -نومۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار تۇxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: xx، ئۇچتۇرپان ناھىيە xx بازىرى xx-كەنىت xx-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزىلىك ئىدارىسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن. 

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار تۇxxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋتكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار بۇ دېلونى تىز سوت قىلىش تەرتىپنى قوللۇنۇپ سوتلاشقا قۇشۇلدى.

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت

جاۋابكار تۇxx 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 22:00 ئەتراپىدا xx بازىرى xx-كەنىت كومىتېتى يېنىدىكى رxxنىڭ ئاشخانسىدا جۇxx قاتارلىقلار بىلەن ھاراق ئىچىپ، سائەت 22:20  ئەتراپىدا ئۆيىگە قايتىش ئۈچۈن ئاشخاننىڭ ئالدىغا توختىىتپ قويغان xx نومۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتسىكلىتىنى پىراۋىسىز، مەسىت ھالەتتە ھەيدەپ مېڭىپ ئىماملىرىم بازىرى 7-كەنىت 2-مەھەللە يول بۈلىكىگە كەلگەندە ئالدى تەرەپتە كىتىۋاتقان ماشىنىنىڭ ئارقىسىغا سۇقۇلۇپ يىقىلىپ كەتكەندىن كىيىن ساقچىلار تەرپىدىن بايقالغان.

شىنجاڭ خواتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى بۇيۇملىرىنى ئەدىليىلىك باھالاش ئورنى (2020) 0678-نومۇرلۇق ئەدىليىلىك باھالاش دوكلاتىدا «تۇxxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قېنىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 174.29 مىللىگىرام» دەپ يەكۈن چىقارغان.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار تۇxx يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەم ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار تۇxxنىڭ ھاراق ئىچىپ پىراۋىسىز، مەسىت ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىدىكى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار قىلمىشىنى تولۇق تۇنۇپ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان. تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بار. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن جاۋابكار تۇxxغا 3 ئاي 20 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىش، قۇشۇمچە 7000 يۈەن ئىشتىراپ قۇيۇش تەكلىپىنى بىرىمىز. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

تەپتىش: مۇقەددەس تۇرسۇن

پۈتۈكچى: گۈلجامال ئابدۇقادىر 

2020-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى

ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.

(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە. xx

(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top