欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(图某某盗窃案)

2021-09-24 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                        ئا ش ت ئەيىبلەش (2020) 153-نۇمۇرلۇق

   ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

    جاۋابكار تۇxx، ئايال، ئۇيغۇر، 33 ياش، سالاھيەت گۇۋاھنامىسىنىڭ نومۇرى : xxxxxxxx6529221987 ، تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئادىرىسى : شىنجاڭ xx ناھىيە xx بازار xx كەنىت xx-مەھەللە xx-نۇمۇر، ھازىرقى ئادىرىسى ئاقسۇ شەھەر xx سانائەت رايونى xx توقۇمچىلىق زاۋۇتى ئىشچىلار ياتاق بىناسى xx-بىنا xx-نۇمۇر، ئىشچى، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020- يىل 3- ئاينىڭ 18- كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلىككە بىرىلگەن. 

ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى (2020) 569-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى،مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ،جاۋابكارغا ھوقۇق- مەجبۇريەتلىرى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى ۋە قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

    جاۋابكار تۇxx  2020-يىلى 1- ئاينىڭ 15- كۈنى بېيجڭ ۋاقتى سەھەر سائەت 10:30بىلەن ئاقسۇ شەھىرى xx سانائەت رايۇنى xxتۇقۇمچىلىق زاۋۇتىنىڭ ئالدىدا زىيانلانغۇچى ماxxنىڭ تاكسى ماشىنىسىدىن بىر دانە قارا رەڭلىك قول سومكىسى،1645 يۈئەن نەق پۇل ۋە ئومۇمى قىممىتى 7069 يۈەن بولغان ئىككى دانە كۈمۈش ئۈزۈك، ئىككى دانە ئالتۇن ئۈزۈك، بىر دانە ئالتۇن زەنجىر، بىر جۈپ ئالتۇن ھالقا، بىر جۈپ پاتۇرما ھالقا، بىر دانە ئالتۇن چىش قاپ قاتارلىقلارنى ئوغۇرلاپ كەتكەن . دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان تۇللۇق ئەسلىگە كەلگەن . 

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش خۇلاسىسى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋابكار تۇxxنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگىلمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق، ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار تۇxxنىڭ قىلىمىشى يەنە «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن. شۇڭا جاۋابكار تۇxxنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق. 

تەپتىش: ھۈسەنجان موللىمىن 

2020-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى

ئىزاھات:

1. جاۋابكار تۇxx ئائىلىسىدە كىپىلدە. ئالاقىلىشىش تىلفۇن نۇمۇرى : xxxxxx13279

 2 . 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى، بىر  توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top