欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(图某某盗窃案)

2021-09-20 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                            ئا ش ت ج ئى 1-بۆلۈم ئەيىبلەش (2020)747-نۇمۇرلۇق

   ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

   جاۋابكار تxx، ئەر، ئويغۇر، 44 ياش، كىملىك نۇمۇرى: xxxxxxxx 6529221977، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئادىرسى : شىنجاڭ ئۇنسۇ ناھىيە xx بازىرى xx ئولتۇراق رايۇنى xx-بىنا xx-ئىشكxx-ئۆي، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق،2017-يىلى 04-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك 7 ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، 2020-يىلى 04-ئاينىڭ 04-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 10 ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلنىپ 2020-يىلى 06-ئاينىڭ 18-كۈنى جازا مۇدىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بىرىلگەن. 2020-يىلى09-ئاينىڭ 16-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايى گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئېلىنغان.

    ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەمدە ئاقلىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى. 

   قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋاپكار تxx 2020-يىلى09-ئاينىڭ 08-كۈنى سائەت 14:00ئەتراپىدا زىيانلانغۇچى لۈxx xx شەھەر xx يۇلىدىكى xx مەخسۇس دۇكىنىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويغان新N5xxx نۇمۇرلۇق xx ماركىلىق كۈمۈش رەڭلىك ماشىنىڭ يېنىغا كىلىپ، ماشىنىنڭ يېنىدا ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ماشىننىڭ شوپۇر ئولتۇردىغان تەرەپتىكى ئالدى ئىشىكنى ئېچىپ مۇئاۋېن شوپۇر ئولتۇردىغان ئورۇنغا قۇيۇپ قويغان 5951 يۇەن قىممتىدىكى خۇۋېي Mate30por ماركىلىق تېلغۇننى ئوغۇرلاپ كېتىپ، xx شەھەر xx يۇلى «xx» دۇكىننىڭ خۇجايىنى مۇxxغا 100يۈەنگە گۆرۆگە قۇيۇپ 100يۈەن پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

   يۇقارقى پاكىتنى جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇماتى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، يازما ئىسپات، باھالاش خۇلاسىسى، رازىۋىتكا خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋاپكار تxxنىڭ يۇقارقى قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264– ماددابەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جاۋاپكارنىڭ جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق. شۇڭا ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264–ماددا، 65-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جازا بېرىش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ  176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.

تەپتىش: ئالىمجان ئېزىز

ئېرپان ھامۇت

2020-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى

ئىزاھات:

1.​ جاۋابكار ھازىر ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

1.​ 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى. 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top