شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بايىنغۇلىن ئاپتۇنۇم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش
مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپلەشنامىسى
چ ت ئە (2020) 02-نومۇرلۇق
چەرچەن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار تۇ**، ئەر، ئۇيغۇر، **19- يىلى **–ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: **********65282519، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، كەسپى:دىھقان، ئەسلى يۇرتى: ** ناھىيسىدىن، كېپىلگە برىىشتىن ئىلگىرىكى تۇرۇشلۇق ئورنى: ** ناھىيە ** يېزا ** كەنتى **- گۇرۇپپا **- نۇمۇرلۇق ئۆي، 2019- يىلى 9- ئاينىڭ 2-كۈنى ئوغرىلىق جىنايتى گۇمانى بىلەن چەرچەن ناھيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىپ قۇيۇلۇپ، 2019 - يىلى 9- ئاينىڭ 11- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قانۇن بۇيىچە قولغا ئېلىنغان، 2019- يىلى 10- ئاينىڭ 4- كۈنى چەرچەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپدىن كېپىلگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە، ئىلگىرى سوتلۇق بۇلۇنمىغان.
چەرچەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار تۇ**نىڭ ئوغرلىق دېلۇسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019– يىلى 11– ئاينىڭ 17– كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھىرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى، زىيناكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىش ئۇقتۇرۇشىى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى، دېلۇ بېجىرگۈچىلەر جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، دېلو ئەھۋالى مۇرەككەپ بولغاچقا باش تەپتىشنىڭ تەستىقلىشى بىلەن 2019- يىلى 12- ئاينىڭ 17- كۈنى 15 كۈن ئۇزارتىپ، ھەمدە دىجورنى ئادۇكاتنىڭ پىكىرى ئېلىنىپ پۇتۇن دېلو تەكشۇرۇپ ئاياغلاشتۇرۇلدى. جاۋاپكار تۇ** مەزكۇر دىلونى تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىۋى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۇرۇش ئارقىلىق جاۋاپكار تۇ**نىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق.
1. جاۋاپكار تۇ**2019- يىلى 7- ئاينىڭ 20- كۈنى، زىيناكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مە** بىلەن چەرچەن ناھىيە ** كۆۋرىكنىڭ جەنۇپ تەرىپىدىكى شېغىل زاۋۇتىدا بىرگە ئىشلەش جەريانىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مە** ئۈزىنىڭ يان تېلفۇننى جاۋاپكار تۇ**ھەيدەۋاتقان توپا ئىتتىرىش ماشنىسىنىڭ ئىچىدە توكقا چېتىپ قويۇش ئۇچۇن بەرگەن، جاۋاپكار تۇ** ئۈزى بىلىۋالغان مەخپى نۇمۇر بۇيىچە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مە**نىڭ يان تېلفۇننى ئېچىپ ئۈندىدارنىڭ پۇل يۆتكەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ بانكا كارتىسدىن 600 يۈەننى ئۈزىنىڭ يان تېلفۇنىغا يۆتكىۋېلىپ خەجلەپ تۇگەتكەن.
2.جاۋاپكار تۇ** 2019- يىلى 7- ئاينىڭ 21- كۈنى ئىش ئورنىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مە** بىلەن بىرگە ئىشلەش جەريانىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مە**نىڭ يان تېلفۇننى ئېچىپ ئۈندىدارنىڭ پۇل يۆتكەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ بانكا كارتىسدىن 3 قېتىمدا 1300 يۈەننى ئۈزىنىڭ يان تېلفۇنىغا يۆتكىۋېلىپ خەجلەپ تۇگەتكەن.
3. جاۋاپكار تۇ** 2019- يىلى 7- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئىش ئورنىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مە** بىلەن بىرگە ئىشلەش جەريانىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مە**نىڭ يان تېلفۇننى ئېچىپ ئۈندىدارنىڭ پۇل يۆتكەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ بانكا كارتىسدىن 10 قېتىمدا 990 يۈەننى ئۈزىنىڭ يان تېلفۇنىغا يۆتكىۋېلىپ خەجلەپ تۇگەتكەن.
4. جاۋاپكار تۇ** 2019- يىلى 7- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئىش ئورنىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مە** بىلەن بىرگە ئىشلەش جەريانىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مە**نىڭ يان تېلفۇننى ئېچىپ ئۈندىدارنىڭ پۇل يۆتكەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ بانكا كارتىسدىن 700 يۈەننى ئۈزىنىڭ يان تېلفۇنىغا يۆتكىۋېلىپ خەجلەپ تۇگەتكەن.
5. جاۋاپكار تۇ** 2019- يىلى 7- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئىش ئورنىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مە** بىلەن بىرگە ئىشلەش جەريانىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مە**نىڭ يان تېلفۇننى ئېچىپ ئۈندىدارنىڭ پۇل يۆتكەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ بانكا كارتىسدىن 200 يۈەننى ئۈزىنىڭ يان تېلفۇنىغا يۆتكىۋېلىپ خەجلەپ تۇگەتكەن.
6. جاۋاپكار تۇ** 2019- يىلى 7- ئاينىڭ 29- كۈنى، ئىش ئورنىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مە** بىلەن بىرگە ئىشلەش جەريانىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مە**نىڭ يان تېلفۇننى ئېچىپ ئۈندىدارنىڭ پۇل يۆتكەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ بانكا كارتىسدىن 100 يۈەننى ئۈزىنىڭ يان تېلفۇنىغا يۆتكىۋېلىپ خەجلەپ تۇگەتكەن.
جاۋاپكار تۇ** 2018- يىلى 07- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 2019- يىلى 07- ئاينىڭ 29- كۈنىگىچە ئىش ئورنىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مە** بىلەن بىرگە ئىشلەش جەريانىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مە**نىڭ يان تېلفۇننى ئېچىپ ئۈندىدارنىڭ پۇل يۆتكەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ بانكا كارتىسدىن 18 قېتمدا جەمى 3890 يۈەننى ئۈزىنىڭ يان تېلفۇنىغا يۆتكىۋېلىپ خەجلەپ تۇگەتكەن.
جاۋاپكار تۇ**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تۇلۇق. جاۋاپكار ئۆزىمۇ ئىقرار.
يۇقارقىلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن :
دېلودىكى‹‹ قۇبۇل قىلغان دېلولارنى تىزىملاش جەدۋىلى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، نەق مەيداننى تۇنۇتۇش خاتىرىسى، جۇڭگۇ يېزا ئىگىلىك بانكىسنىڭ بانكا كارتىسى سودا تەپسىلات تىزىملىكى، ئۈندىدار ھىسابات يۆتكەش خاتىرىسى جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە نۇپۇس ئىسپاتى ›› قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار بار.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە:
جاۋاپكار تۇ** باشقىلارنىڭ 3890 يۇەن پۇلنى ئۇندىدار قىزىل بولاق ئارقلىق ئوغرىلىۋالغان قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 264- ماددىسىغا خىلاپ ئوغرىلىق جىنايتى شەكىللىنىدۇ، بۇ ھەقتە جىنايى پاكىت ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلار تولۇق، شۇڭا ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. جاۋاپكار تۇ**گە 5000 يۇەن شىتراپ قويۇش جازاسى بېرىپ، تېز كېسىم چىقىرىش سوت تەرتىۋىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بېرىمىز. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددىسىدىكى بەلگۈلىمىسى بويىچە سوت مەھكىمىىسگە ئەيىپلەيمىز.
تەپتىش: ئەركىن ئەمەر، يالقۇن قۇربان
2020- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى
ئەسكەرتىش :
1.جاۋاپكار تۇ** ئائىلىسدە كېپىلدە.
2.ئەيىپنامە 9 نۇسقا.
3.دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى، تەھقىقلەش ئارخىۋى بىر توپلام بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论