欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(图谋某危险驾驶案)(公开版)_温宿县人民检察院

2021-09-22 独角龙 评论0

温宿县人民检察院 

起 诉 书

温宿县检一部刑诉〔2020〕637号 

 ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                            ئو ت ج  ئى چىقىش  ( 2020)     -نومۇرلۇق              

   جاۋابكار تxxxx، ئەر، ئۇيغۇر،xxxx-يىلى x-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان،كىمىلىك نومۇرى:xxxxxxxx652922 دېھقان، تولۇقسىز ئوتتورا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئونسۇ ناھىيە xxxx بازىرىxxx كەنت xx-مەھەللەxxx-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق. 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن ئونسۇ ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 4ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلگەن. ئونسۇ ناھىيەلىك جامائەت  خەۋپسزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى بىرتەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بېرىلگەن.

   ئونسۇ ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋابكار تxxxxنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى بىلەن 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان،  مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تونۇپ، قىلمىشنى ئىقرا قىلسا كىلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى  بولغان قانۇنىي ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋابكارنىڭ ۋە نۆۋەتچى ئادۋوكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋاپكار دىلونى تېز تەرتىپتە سوتلاشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

   جاۋابكار تxxxx  2020-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 21دىن 45مىنۇت ئەتىراپىدا، ھاراق ئىچىپ مەس ھالەت新Nxxxxنومۇرلۇق، كۆك رەڭلىك،خوندا ماركىلىق ئىككى چاقلىق موتوسىكلىتنى ھەيدەپ، ئونسۇ ناھىيە xxxx بازارى خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ ئالدىدىكى  يول بۆلىكىدە كىتىۋاتقاندا، شۇ يول بۆلىكىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان xxxx بازىرى خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ  ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.

شىنجاڭ خۇۋاتوڭ ئەدلىيلىك باھالاش مەركىزىنىڭ باھالاش پىكىرنامىسدە جاۋابكار تxxxxxىڭ قاندىكى ئىسپىرىت تەركىبى mg/100ml152.87 دەپ يەكۈن چىقرىلغان. 

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلۇنۇش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئۇيغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋابكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن گۇناھىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزمۇنداق قارايدۇ : جاۋابكار تxxxxىڭ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا  بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بولۇپ، قىلمىشدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. 

دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل -ئىسپاتى تولۇق ھەم راست،جاۋابكارنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر. جاۋاپكار جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسى، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددا بەلگىلمىسگە ئاساسەن يېنىكلىتىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بۇلىدۇ. قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلشى ئۈچۈن، جاۋابكار تxxxxنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقى بەلگۈلىمە بويىچە جازا بېرىش زۆرۈر. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
   

 ئونسۇ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

                         تەپتىش :پاتىگۈل ياسىن  
                        پۈتۈكچى:  تاھىر تۇنىياز  

                      2020-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى

  قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، 3 نۇسقا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى،بىر نۇسقا تېز تەرتىپ  قوللىنىش تەكلىپنامسى، بىر نۇسقا دەلىل  ئىسپات تىزىسى ،بىرنۇسقا  جىنايىتنى تۇنۇپ ،جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى،بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى  قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى.

(2) جاۋابكار xxxxxھازىرئائىلىسىدەكېپىلدە، ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نومېرى: xxxxxx

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top