شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىبلەش (2021) 41- نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار د**، ئەر، ئۇيغۇر، ****- يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:3010*******652925، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە،دېھقان،شىنجاڭ ت** ناھىيسدىن، ھازىرقى ئولتۇرغى: ت**ناھىيە ئۈ** يېزا س** كەنت**-گوروپ**-كوچا**-نۇمۇر، ئېلگىرى جازالانمىغان، 2021- يىلى 01- ئاينىڭ 22- كۈنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
بۇ دېلونى توقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋابكار د**نى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ، 2021-يىلى 2- ئاينىڭ 2-كۈنى (2021)88-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ھوقۇق-مەجبۇريەتلىرىنى ئۇختۇردۇق، جاۋابكاردىن سۇئال سورىدۇق، جاۋابكارغا جىنايىتىنى تونۇش جازانى قوبۇل قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىردىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇختۇردۇق، دىجۈرنى ئادۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق ۋە دېلودىكى بارلىق دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق، قانۇن بۇيچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلار ئېنىقلاندى :
جاۋابكار د** ،2021- يىلى 01- ئاينىڭ 12- كۈنى سائەت20:30 ئەتىراپىدا، توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازار كاڭلېيۈەن ئولتۇراق رايۇنى يان تەرپىدىكى ھاراق دۇكىنىدا باشقىلار بىلەن بىرگە ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، ھاراق دۇكىنىنىڭ ئالدى تەرپىگە توختىتىپ قويۇلغان新AE2M59 نۇمۇرلۇق كىچك تىپتىكى ماشىنىنى پىراۋلىق ھەيدەپ مېڭىش جەريانىدا دوستى ئا** بىلەن گەپ تاكاللىشىپ ئۇرۇشۇپ قالغان، شۇ جەرياندا يېقىن ئەتىراپتا چارلاش قىلىۋاتقان توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى چارلاش چوڭ ئەتىرىتى ساقچىلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرلۈپ،د**نى توقسۇ ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.
جۇڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2021] 494- نۇمۇرلۇق ئەدىليىلىك باھالاشنامىسىدە« د**نىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقى تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارىنى 143 مىللىگىرام »دەپ باھالىغان.
يوقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات؛ باھالاش پىكرى؛گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى؛ ئۈن-سىن ماتىريالى؛ جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل -ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ. جاۋاپكار ئەيىپلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارتا پىكرىنىڭ يۇقلىقىنى، جىنايەتنى تۇنۇيدىغانلىقىنى، جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئۇتتۇرغا قۇيدى.
مەھكىممىز، جاۋابكار د**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەككىللىندۇ .جاۋابكار د**قا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددا، 67-ماددا 3-تارماقتىكى بەلگىلمىسى بۇيىچە جىنايەت بىكىتىپ جازا بىرىشكە تېگىشلىك، جاۋاپكارغا 1ئاي 15كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە 3000يۈەن ئىشتىراق قۇيۇش جازاسى بىرىش توغرىسىدا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى بىرىمىز، شوڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
مۇئاۋىن باش تەپتىش : ئۆمەر ئەمەت
تەپتىش : ئەمەرجان ساتتار
2021-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى
قۇشۇمچە : ① جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە ② 2 توپلام ج خ دىلو ماتىريالى، 8پارچە ئەيىپلەشنامە ، 1 دانە
پىلاستىنكا دىلو بىلەن بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论