欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(坎某某盗窃案)(公开版)

2021-09-20 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                        ئا ش ت ئەيىبلەش (2020)496-نۇمۇرلۇق

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

    جاۋابكار قەيسەر مەمەت، ئەر، ئۇيغۇر، 19 ياش، سالاھيەت گۇۋاھنامىسىنىڭ نومۇرى :XXXXXXXX6529272001 ، توللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، يۇرتى: ئۇچتۇرپان ناھىيسى، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن ئۇچتۇرپان ناھىيە XX تۈەن مىللى مەيدان  XXلىيەنXX نۇمۇر. ئاقسۇ شەھەر توقومچىلىق سانائەت رايونى نەنيۈەن ئولتۇراق رايونى XX بىنا XX كۇرپۇس XX نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىشچى، ئىلگىرى جازالانمىغان . 2020-يىل 6-ئاينىڭ 27-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن 2020- يىل 7- ئاينىڭ 9- كۈنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان . 

ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى (2020) 755-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى، مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ھوقۇق- مەجبۇريەتلىرى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى، ۋە قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

   جاۋابكار جاۋابكار قXX  -2020يىلى-6  ئاينىڭ  -14كۈنى تاڭ سەھەر 4 لەر بىلەن ئاقسۇ شەھىرى XX رايونى XX ئولتۇراق رايونى   XXبىنادىكى XX تاللا بازىرىنىڭ ئارقا ئىشىكىنىڭ ئارلىقىدىن قىستىلىپ كىرىپ، دۇكان ئىچىدىن   450 يۈەن قىممىتىدىكى  قاتتىق قاپلىق جۇڭخۇا ماركىلىق تاماكا بىلەن پۇل يىغىش ئۈستىلىنىڭ تارتمىسىدىن 4410 يۈەن پۇلنى ئوغۇرلاپ چىقىپ كەتكەن.

   جاۋابكار ق XXمەمەت  -2020يىلى -6ئاينىڭ-16  كۈنى تاڭ سەھەر 5 لەر بىلەن ئاقسۇ شەھىرى XX رايونى XX رايونى XXبىنادىكىXX تاللا بازىرىنىڭ ئارقا ئىشىكىنىڭ ئارلىقىدىن قىستىلىپ كىرىپ دۇكان ئىچىدىن 450 يۈەن قىممىتىدىكى قاتتىق قاپلىق جۇڭخۇا ماركىلىق تاماكا بىلەن پۇل يىغىش ئۈستىلىنىڭ تارتمىسىدىن 9127 يۈەن پۇلنى ئوغۇرلاپ چىقىپ كەتكەن .

     ئۇمۇملاشتۇرغاندا، جاۋابكار ق XX ئىككى قېتىمدا جەمئى 2 تو 900 يۈەن قىممىتىدىكى قاتتىق قاپلىق جۇڭخۇا ماركىلىق تاماكا بىلەن 13537 يۈەن نەق پۇلنى ئوغۇرلاپ چىقىپ كەتكەن بۇلۇپ، دىلو پاش بولغاندىن كېيىن بارلىق زىيان ئەسلىگە كەلگەن

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاش خۇلاسىسى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋابكار ق XXنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگىلمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق، ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار ق XXقىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى تۇلۇق ئېتىراپ قىلدى ھەم جازاغا قايىل بولدى. بۇ قىلمىشى يەنە «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن. جاۋابكار ق XXكە ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 67-ماددا 3- تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جازا بېرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق. 

تەپتىش: ھۈسەنجان موللىمىن 

2020-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى

ئىزاھات:

1.جاۋابكار قXX ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق . 

 2 . 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا ئالماشتۇرۇپ قاماش گۇۋاھنامىسى، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى، بىر  توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top