ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۈ ش ت ت 1-※بۆلۇم ج ئە چىقىش (2020)78–نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار تايىر ئالىم ، ئەر، ئۇيغۇر، 1988-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى ** تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6542221988، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئادرىسى: ** شەھەر **يولى **-بىنا **-ئىشىك **-ئۆي، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: **شەھىرى **رايۇنى **يولى **ئولتۇراق قوروسى **-بىنا **-ئىشىك **-نۇمۇرلۇق ئۆيدە. 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى ئوغرىلىق قىلمىشى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرى ج خ ئىدارىسى يېڭشەھەر رايۇنلۇق شۆبە ئىدارىسى تەرىپىدىن 15كۈن مەمۇرى جەھەتتىن توختۇتىلغان.2018-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭشەھەر رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك1يىل 3ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلىپ 5مىڭ يۇەن شىتراف قويۇلغان، 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بىرىلگەن. بۇ قېتىم ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قويۇلغان.2020-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى مەھكىمىمىز ئوغىرلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. شۇ كۇنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
جاۋابكار مەۋلان ئالىم، ئەر، ئۇيغۇر، 1990-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى **شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********654222190، باشلانغۇچ مەكتەپ مەلۇماتلىق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئادرىسى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: ** شەھەر **كۆۋرۈك **يولى **-نۇمۇر . 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى زەھەرلىك چىكىملىك خىرويىن چەكەنلىكى ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبە ئىدارىسى تەرىپىدىن مەمۇرى جەھەتتىن 15كۈن توختۇتىلىپ 2يىل مەجبۇرى زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن.2015-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمگو رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 7ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلىپ 1000يۇەن جەرىمانە قويۇلغان، 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى جازا مۇددىتى توشوپ قويۇپ بىرىلگەن. 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمگو رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 6ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلىپ 2000يۇەن جەرىمانە قويۇلغان، 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى جازا مۇددىتى توشوپ قويۇپ بىرىلگەن. بۇ قېتىم ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قويۇلغان. 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى مەھكىمىمىز ئوغىرلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقىلىغان. شۇ كۇنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار تايىر ئالىم ،مەۋلان ئالىملارنىڭ ئوغىرلىق دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 4–ئاينىڭ 24-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارلارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋاپكار دېلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىشقا قوشۇلدى .2020-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە بىر قېتىم 15 كۈن ئۇزارتتۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
1) جاۋابكار تايىر ئالىم بىلەن مەۋلان ئالىم 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كىيىن ئوغۇرلۇق قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، **شەھىرى **رايونى ** سودا سارىيىدا لىفىت بىلەن سودا-ساراينىڭ 2-قەۋىتىگە چىقىش جەريانىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى گۈز**نىڭ دىققەتسىزلىگىدىن پايدىلىنىپ، ئوڭ تەرەپ چاپان يانچۇقىدىن 500يۇەن قىممىتىدىكى بىر دانە ئوپپۇ ماركىلىق قول تېلفۇننى مەۋلان ئالىم ئوغۇرلىغان، جاۋابكارتايىر ئالىم ئادەمگە قاراپ بەرگەن. تېلفۇننى سېتىپ پۇلنى تەڭ خەجلەپ تۇگەتكەن.
2) جاۋابكار تايىر ئالىم بىلەن مەۋلان ئالىم 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچ 20لەر ئەتراپىدا ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، **شەھىرى **رايۇنى **تاللا بازىرىغا بېرىپ، كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدا كىتىۋاتقان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى كۇاڭ **نىڭ ئوڭ تەرەپ چاپان يانچۇقىدىن تايىر ئالىم بىر دانە 1325يۇەن قىممىتىدىكى خونىر (HONIR) ماركىلىق تىلفوننى ئوغۇرلىغان،جاۋابكار مەۋلان ئالىم ئادەمگە قاراپ بەرگەن .تېلفۇننى سېتىپ پۇلنى تەڭ خەجلەپ تۇگەتكەن.
3).جاۋابكار تايىر ئالىم بىلەن مەۋلان ئالىم 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 18 لەر ئەتراپىدا ، ئوغۇرلۇق قىلىشنى مەقسەت قىلىپ،** شەھرى **رايونى **يولىدىكى **تاللا بازىرىغا بېرىپ لىفىت بىلەن 2-قەۋەتكە چىقىش جەريانىدا ئالدىدا تۇرغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى شۈ**نىڭ ئوڭ تەرەپ چاپان يانچۇقىدىن تايىر ئالىم بىر دانە 1530يۇەن قىممىتىدىكى vivo ماركىلىق تېلفۇننى ئوغۇرلىغان.جاۋابكار مەۋلان ئالىم ئادەمگە قاراپ بەرگەن.تېلفۇننى سېتىپ پۇلنى خەجلەپ تۇگەتكەن.
جاۋابكارتايىر ئالىم ،مە* *لار جەمئى 3 قېتىم ئوغىرلىق قىلغان ، ئوغىرلىغان زاڭ مالنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 3355يۇەن بولۇپ دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زاڭ ماللار قايتۇرۇپ كېلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. يازما ئىسپات: جاۋابكار تايىر ئالىم ،مەۋلان ئالىملارنىڭ نۇپۇس ئۇچۇر ئىسپاتى؛
2.زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ دىلو مەلۇم قىلىش ماتىريالى ۋە گەپ سوراش خاتىرىسى؛
3. جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى: جاۋابكار تايىر ئالىم ،مەۋلان ئالىملارنىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
4. دىلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاش يەكۇنى ۋە ئۇقتۇرۇشنامىسى؛
5.باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: جاۋابكارلارنى تۇتۇش جەريانى ،تۇتۇپ قېلىش ۋە قايتۇرۇش تالۇنى،زاڭ مالنى تونۇتۇش سۆرئەتلىرى؛
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقىي بولۇپ،شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.جاۋابكارلارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق ھەمدە ئۆزلىگىدىن جىنايىتىنى تونۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىشنى خالايدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار تايىر ئالىم ،مەۋلان ئالىملارنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە خۇسۇسلارنىڭ كۆپرەك مىقتاردىكى مېلىنى يۇشۇرۇن ئوغىرلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، ئوغىرلىق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكارلارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددىسى ۋە 65-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچەجىنايى جازا بېرىشىڭىزلەر ئۈچۈن«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: رەيھانگۈل تۇرسۇن
تەپتىش ياردەمچىسى:مەردان ھۈسەنجان
2020–يىلى 6–ئاينىڭ 3-كۈنى
ئەسكەرتىش:
1. جاۋابكارلار ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا قاماقتا:
2. 13نۇسخا ئەيىبنامە ۋە تەھقىقلەش دېلو ماتىرىيالى 3 توپلام بىرگە يوللاندى.
3.ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى ۋە جازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى.
4.جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى ئېتىراپ قىلىش كىپىللىك خېتى بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论